5020mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن جىنلى M5 Plus يانفونى بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى

      جىنلى شىركىتى بۈگۈن دوڭگۈەندىكى جىنلى سانائەت باغچىسىدا مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جىنلى M5 Plus ناملىق يېڭى يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. بۇ يانفونغا 5020 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن، بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

جىنلى ئىلگىرى 6020 مىللىئامپىرلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن M5 ناملىق يانفوننى بازارغا سالغان، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان M5 Plus يانفونى دەل ئۇنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى ئىكەن، گەرچە باتارىيە سىغىمى كىچىكلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يانفون گەۋدىسى بۇرۇنقىدىن نېپىز ۋە يېنىك لايىھەلەنگەن، سەپلىمىسى ئاشۇرۇلغان.

     قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، جىنلى M5 Plus يانفونىغا ئېنىقلىقى 1080*1920 گە يېتىدىغان 6.0 دىيۇملۇق ئېكران، لىيەنفاكې MT6753 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن، قوش 4G كارتىسىنى تەڭ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. يۇقاردا دېيىلگەندەك، بۇ يانفونغا 5020 مىللىئامپىرلىق چوڭ سىغىملىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن، قوش ئۆزەكچىلىك تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، توكى ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن. ئاساس كامېراسىنىڭ ئېنىقلىقى 13 مىليون پىكسېل بولۇپ، بارماق ئىزىنى تونۇش رايونى يانفوننىڭ ئالدى يۈزىگە جايلاشقان، يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ھازىرقى ئاساسىي ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوڭ-تەتۈرىنى ئوخشاشلا چاتقىلى بولىدىغان Type-C ئېغىزى سەپلەنگەن. مەشغۇلات سىستېمىسى جەھەتتە، بۇ يانفونغا ئاندىرويىد 5.1 ئاساسىدا ئېچىلغان amigoOS 3.1 ناملىق سىستېما قاچىلانغان ئىكەن.

     سېتىلىش باھاسىغا كەلسەك، جىنلى M5 Plus يانفونىنىڭ باھاسى 2499 يۈەن بولۇپ، مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جىنلى يەنە «M5 چاڭشىياڭ» يانفونىنىمۇ بىللە ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ باھاسى 1999 يۈەن ئىكەن، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئىستېمالچىلار M5 Plus يانفونىنى جىنلى ئورگان تەرەپ سودا شەھەرچىسى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سېتىش نۇقتىلىرىدىن سېتىۋالسا بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek