تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتىكى رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى

       بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى IDC بۈگۈن 2015-يىلى 3-پەسىل (30-سېنتەبىرگىچە ھېسابلانغان) ئىچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەر (ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قول سائىتى، بىلەيزۈك، قول بېغى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ مال چىقىرىش مىقدارىغا ئائىت ئەڭ يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Fitbit دۇنيا بويىچە سېتىلىش ئەھۋالى ئەڭ ياخشى بولغان تاقىما ئۈسكۈنە ماركىسىغا ئايلانغان بولۇپ، يەر شارى مىقياسىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى 4.7 مىليونغا يەتكەن، بازار ئۈلۈشى %22.2 نى ئىگەللىگەن؛ ئالما قول سائىتى Apple Watch نىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ بۇ قېتىم رەسمىي ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر پەسىللىك مال چىقىرىش مىقدارى 3.9 مىليون دانە، بازار ئۈلۈشى بولسا %18.6 بولغان؛ ئەرزان باھالىق شىياۋمى بىلەيزۈكىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 3.7 مىليونغا يەتكەن، مال چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن %815.4 ئېشىپ كەتكەن.


       بۇندىن باشقا، Garmin ۋە BBK قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 900 مىڭ ۋە 700 مىڭ بولۇپ، %4.1 ۋە %3.1 لىك بازارنى ئىگەللىگەن.

      2015-يىلى 3-پەسىلدە، تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى ئومومىي مال سېتىلىش مىقدارى 21 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى 7.1 مىليوندىن %197.6 ئاشقان، تەنھەرىكەت ئىز قوغلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بىلەيزۈك تىپىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 94 دوللار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى تىپىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 400 دوللار بولغان، جۇڭگو تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان دۆلەتكە ئايلانغان.



خەتكۈچلەر:
04-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek