سامسۇڭ گورۇھىنىڭ لىدىرى لى جيەنشى
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان باينىڭ ئومۇمىي مۈلكى 40 ترىليون ۋون (تەخمىنەن 200مىليارد يۈەن)غا يېتىپ چاۋشيەننىڭ 2014-يىلىدىكى پۈتۈن مەملىكەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.
بىلۇمبېرگ مىلياردىرلار تىزىملىكىنىڭ 7-دېكابىر ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا ئېيتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 3-كۈنىگە قەدەر دۇنيادىكى ئالدىنقى 400 باي قاتارىغا كىرگەن كورىيەلىكلەردىن سامسۇڭ گورۇھىنىڭ لىدىرى لى جيەنشى (81-ئورۇندا)، ئامورى تىنچ ئوكيان گىرىم بۇيۇملىرى گورۇھىنىڭ لىدىرى شۈ چىڭ پېي (139-ئورۇندا)، سامسۇڭ ئېلىكتىرونىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى لى زەيروڭ (179-ئورۇندا)، خەندەي ئاپتوموبىل گورۇھىنىڭ لىدىرى جېڭ مېڭ جيۇ (309-ئورۇندا) ۋە SK گورۇھىنىڭ لىدىرى سۈي تەييۈەن (367-ئورۇندا) قاتارلىق بەش كىشى بار ئىكەن.
ستاتىستىكىسدا ئېيتىلىشىچە، بۇ بەش كىشىنىڭ پايچېكى، نەق پۇل قاتارلىق ھەر تۈرلۈك مۈلۈكلىرىنى قوشقاندا جەمئىي 36 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (40 ترىليون ۋون) بولغان. كورىيە ستاتىستىكا نازارىتىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ 2014-يىلىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بولسا 33 ترىليون ۋون بولغان. بۇنىڭدىن سىرت بۇ بەش كىشىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى كورىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2.7 ىنى ئىگىلىگەن.
كورىيەدىكى بىرىنچى باي لى جيەنشىنىڭ مال-مۈلكى 13 ترىلىيون ۋون بولغان بولۇپ، بۇ پۇلغا 450 مىليون ۋون قىممىتىدىكى فارارى ماشىنىدىن 30 مىڭنى سېتىۋالغىلى، 250 مىليون ئامېرىكا خەلقىگە بىردىن ھامبۇرگ بولكىسى ئېلىپ بەرگىلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتىسنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 83 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىپ يەنىلا دۇنيادىكى 1-باي بولۇپ قالغان، ئىسپانىيە كىيىم-كىچەك ماركىسى ZARA نىڭ قۇرغۇچىسى ئامانسىئو ئورتېگا 76مىليارد 200 مىليون دوللارلىق مۈلكى بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان، پايچېك ئىلاھى باففېت 62 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق مۈلكى بىلەن 3-ئورۇندا، ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس 58 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق مۈلكى بىلەن 4-ئورۇندا، مېكسىكا تېلىگىراف ماگناتى كارلوس سېلىم 55 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق مۈلكى بىلەن 5-ئورۇندا تۇرغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved