يېقىندا، ئۈرۈمچى سايباغ رايونى 1 مىليارد 559 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يامالىق تېغىغا دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ساياھەت - ئىستىراھەت، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئېكولوگىيەلىك باغچىسى بەرپا قىلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ يېقىندا سايباغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 21.83 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. شەرق تەرىپى جەنۇبىي ۋوگزال بىلەن، شىمال تەرىپى قىبلىتاغ ئاھالىلەر تۇرالغۇ رايونى بىلەن، جەنۇب تەرىپى تۆشۈكتام كەنتى بىلەن، غەرب تەرىپى چوڭساي (داپۇگۇ) ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى بىلەن تۇتىشىدىكەن. كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ 4A دەرىجىلىك سەيلىگاھى، دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى بەرپا قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كۆپ ئىقتىدارلىق ئېكولوگىيەلىك باغچىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى يامالىق تېغى كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆزگىچە ئېكولوگىيە مەركىزى، كۆپ ئىقتىدارلىق ئېكولوگىيەلىك باغچە رايونى ۋە شەھەر ئەتراپى باغچە رايونىدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، كۈتۈنۈش - ئارام ئېلىش مەدەنىيەت خاسلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تاماشا قىلىش خاسلىقى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش خاسلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خاسلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن. تاغ مەنزىرىسى، ئۆسۈملۈك مەنزىرىسى، سۇ مەنزىرىسى ۋە مەدەنىيەت مەنزىرىسىدىن ئىبارەت تۆت نۇقتىلىق مەنزىرە بىرلەشتۈرۈلىدىكەن.
1- قارارلىق ئېكولوگىيەلىك باغچە ئاساسلىق شەھەر رايونىغا يېقىنراق بولۇپ، يامالىق تېغىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى تاغلىق رايوندا ئىكەن، بۇ قۇرۇلۇشقا 190 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش، ئاساسلىقى، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىش، پىيادىلەر يولىنى ياخشىلاش، ئادەمىيەت مەدەنىيىتى مەنزىرە نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
2 - قارارلىق قۇرۇلۇش - شەھەر ئەتراپى باغچە رايونى بولۇپ، شەھەرنىڭ سىرتىغا، يامالىق تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە ئارقا تەرىپىگە جايلىشىدىكەن. بۇ ھەر خىل رەڭدىكى جىلغا رايونى، تاغ ئورمىنى دالا پائالىيەت رايونى ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىقتىدارلىق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كۆلىمى 1809 گېكتار كېلىدىكەن. بۇ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئادەمىيەت مەدەنىيىتى مەنزىرە نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، كۆل يۈزىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 1 مىليارد 122 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. 1- قارارلىق ۋە 2- قارارلىق قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 559 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved