رىيادتا يەمەن پرېزىدېنتى ھادىيغا ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلىدۇ

جاھان ئاگېنتلىقى 17-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندە شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا قارشى پرېزىدېنت مەنسۇر ھادىيغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر، يەمەندىكى كىرزسىكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئۇچرىشىدۇ. بۇ يىغىنغا ھۇسىي قۇراللىقلىرى ۋەكىللىرى قاتناشمايدۇ، ھۇسىيلەر سۆھبەت ئۇچرىشىشنى يەمەندە ئۆتكۈزۈش پىكىرىدە چىڭ تۇرماقتا. رىيادتىكى ئۇچرىشىشقا يەمەن پرېزىدېنتى مەنسۇر ھادىيغا ياردەم بەرگەن تەرەپلەر بىلەن بىرگە، سابىق پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ پارتىيىسى خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسى، مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يېقىن بولغان ئىسلاھ پارتىيىسى ۋە جەنۇب ھەرىكىتى ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. بۇ يىغىن ئ‍ۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ.
يىغىن تەييارلىق كومىتىتى ئەزاسى ياسىن مەقاۋى، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ ھۇسىي توپىلاڭچىلىرى ۋەيران قىلغان يەمەننى قايتا قۇرۇش، ۋە ھادى ھۆكۈمىتىگە ھەربي ۋە سىياسىي جەھەتتە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ھادىنىڭ تەشۋىقات ئىشخانا مەسئۇلى مۇختار راھبى، « رىيادتىكى ئۇچرىشىشقا ھۇسىيلەردىن باشقا بارلىق يەمەنلىك تەرەپلەر قاتنىشىدۇ، ھۇسىيلەرگە تەكلىپ ئەۋەتىلدى، ئەمما رەت قىلدى» دېدى.
يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە ھۇسى قۇراللىقلىرى پايتەخت سەنئا قاتارلىق بىر قانچە رايۇنلارنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ھۆكۈمەتنى تارتىۋېلىپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، پرېزىدېنت ھادى ۋە باش مىنسترىنى تۇتقۇن قىلىۋالدى، ۋە يەمەندە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. پرېزىدېنت ھادىي نازاەت ئاستىدىن غەلبىلىك قېچىپ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن رايۇنىغا بېرىپ پائالىيەت قىلدى. ھۇسىيلەر يەمەننىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا ئۈزلۈكسىز كىڭەيگەندىن كېيىن ھادىي سەئۇدى ئەرەبىستاندا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى. يەمەن پرېزىدېنتى ھادىينىڭ جىددى مۇداخىلە چاقىرىقى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا بىرلەشمە ئىتتىپاق تەشكىللىنىپ 26-مارتتا يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتى نامىدا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەت 21-ئاپرېلدا ئاياغلاشقان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە توقۇنۇش باشلاندى. 12-مايدا يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمى ئىمزالاندى، ئەمما كېلىشىم بۇزۇلدى.



17-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek