ھادىي ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە مەكتۇپ ئەۋەتتى

جاھان ئاگېنتلىقى 22-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەن پرېزىدېنتى ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ئەل ھادىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە مەكتۇب يوللىغان بولۇپ، خەۋىپسىزلىك كېڭىشى بۇ مەكتۇپ سەۋەبىدىن يەكشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىشنى قارار قىلدى. ھادىينىڭ چاقىرىقىنى ئامېرىكا قوللىدى.
يەمەن پرېزىدېنتى مەنسۇر ھادىينىڭ «جىددى مۇداخىلە» چاقىرىقى ھەققىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى يەكشەنبە كۈنى توپلىنىپ يەمەندىكى يېقىنقى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. پرېزىدېنت ھادى، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە يازغان مەكتۇبىدا، پايتەخت سەنئانى كونتروللىقى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرىنىڭ «قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ۋە دۆلەتتىكى تىنچ ۋە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى زىيانغا ئۇچرىتىپ يەمەننى پارچىلايدىغانلىقىنى» تىلغا ئالغان.
مەنسۇر ھادى، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە «بارچە ئىمكانىيەت بىلەن بۇ ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن جىددى مۇداخىلە قىلىش چاقىرىقى» قىلدى.
ھادىي، ھۇسىي شىئەلىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ چەكلىنىشى كىرەكلىكىنى تىلغا ئ‍ېلىپ، «ھۇسىيلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى رايۇنلاردا قايتىدىن يەمەن دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىشنى خالايمەن» دېدى.
ھادىي، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن ھۇسىيلەرنىڭ كېڭىيىشىنىڭ چەكلىنىشى ۋە خۇسۇسەن ئەدەن شەھىرىگە قارىتا ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنى مەسئۇلىيتىنى ئورۇندىشى ۋە دۆلەتنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاپ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.
يەكشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا ب د ت يەمەن ۋەكىلى جەمال بەنومار ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ۋە قولتۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يەمەن ۋەزىيتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
ئامېرىكا تەرەپ پرېزىدېنت ھادىينىڭ يەمەننىڭ قانۇنلۇق پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ھادىينى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋە ھۇسىيلەرنى زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى ئەل قائىدە «بازا» تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان 100 گە يېقىن ئالاھىدە ھەرىكەت خادىمى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن يەمەندىن چېكىندۈرۈلدى.



22-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek