12-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت يەتتىلەردە، دالىيەن شەھىرى 202-يول تىراللۇبۇسىنىڭ دەريا بويى كوچا بۆلىكىدە، سىمونت توشۇش ماشىنىسى قىزىل چىراغقا دۇچ كەلگەندىن كېيىن تورمۇزلاشقا ئۈلگۈرەلمەستىن دەل شۇيەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى دانە 202-يول تىراللىبۇسىنى سوقۇۋەتكەن ھەم تىراللىبۇسلارنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ساقچىلار ئاللىقاچان نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
ئىگەللىنىلىشىچە، ۋەقەدە ئوندىن ئارتۇق ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ، يارىدارلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق ۋەقە 202-يول تىراللۇبۇسىنىڭ پۈتكۈل لىنىيە بويىچە توختاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved