تاراتقۇلار مانچېستىر بىرلەشمىسىدە خائىن كۆپلىكىنى ئاشكارلىدى

     گەرچە ئېنگلاند ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئاجىز كوماندا دېربىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، ۋانگالنىڭ ترېنېرلىق ئورنى مۇقىم ئەمەس. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇنى ئىشتىن بوشاتسا 10 مىلىيون فونىستىرلىڭ تۆلەم تۆلەيدۇ، ئەكىسچە قىزىل ئالۋاستى ئىچكى قىسىمىدا تاراتقۇغا خەۋەر ساتىدىغان خائىن ئىنتايىن كۆپ دېگەن.

     مانچېستىر بىرلەشمىسى ئىككى ئورۇن ھالقىغان توپقا تايىنىپ دېربى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسى كېيىنكى ئايلانمىغا كىردى، ۋانگال ۋاقتىنچە مۇۋاپىقىيەت قازاندى، ئەمما ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى ترېنېرنىڭ ئورنى يەنىلا مۇقىم ئەمەس دەپ قارىدى. ۋانگالنىڭ توختامى كېلەر يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ، ناۋادا مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشتىن بوشاتسا مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا 10 مىلىيون فونىستىرلىڭ تۆلەم تۆلەيدۇ.

   مورىنىھو بولسا مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ قىزىق نۇقتىلىق يېڭى ترېنېر نامزاتى، ئىگەللىنىشىچە ئۇ ئالتە بەتلىك ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ ئەۋەتكەن. گەرچە بۇ پەسىل چېلسىنى يىتەكلەپ دەرىجە چۈشۈش رايونىغا ئاپىرىپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتتا ئابراموۋىچ يەنىلا ئۇنىڭغا 10 مىلىيون فونىستىرلىڭ تۆلەم بەردى.

     فۇرگوسېن ئالدىنقى پەسىل توپچىلىرى قېرىپ قالغان چېلسىنىڭ بىرلەشمە ۋە بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىنى مۆجىزە دەپ قارىغان. بۇندىن سىرت مورىنھو بىر كۇلۇبنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق يىتەكلەپ باقمىغان، بۇنداق بولغاندا گىگىس ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئۆگەنگەندىن كېيىن مانچېستىرنى قولغا ئالسا بولىدۇ. ھازىر مانچېستىر بىرلەشمىسى تەۋرىنىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ، گىگىسنىڭ بىۋاستە ترېنېرلىقنى ئۈستىگە ئېلىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئەمەس. ناۋادا ۋانگال ئىشتىن بوشىتىلىپ مائاشى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مورىنھو كەلسە مانچېستىر بىرلەشمىسى تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ.

فۇرگوسېن پەخىرلەنگەن ھالدا :«خەۋەرنىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسى ئىچكى قىسىمىدىن ئاشكارلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.» دېگەن. ئەمما «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ھازىرقى مانچېستىر بىرلەشمىسى بىر تۆشۈك چېلەككە ئوخشايدۇ، نۇرغۇنلىغان ئىچكى خادىملار تاراتقۇغا خەۋەر ساتىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ۋانگالنىڭ باشقۇرىشىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن بولغان دېگەن.



خەتكۈچلەر:
30-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek