مېسسى بىلەن رونالدو پۇتبول دۇنياسىغا ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىن، باشقا بارلىق توپىلارغا پەقەت ئۈچىنچى دېگەن بىرلا قالپاق ئېشىپ قالدى. 2015-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا نېيمار يېڭى بىر ئۈچىنچى بولىدۇ. خېلى كۆپ يىللار ئىلگىرىلا كىشلەر بۇ يىگىتنى ئالتۇن توپ ساھىبى بولىدۇ دەپ قارىغانىدى. بۇ يىل نېيمار ئالتۇن تۇپ مۇكاپاتى ئالدىنقى ئۈچ نامزاتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، مېسسى ۋە رونالدو بىلەن بىر قاتارغا تىزىلىشى بىلەن تەڭ، ئىككى ھۆكۈمراننىڭ مونوپوللۇقىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچىنىڭ سېيماسى ئاخىرى كۆرۈندى.
يەنە بىر ئايدىن كېيىن نېيمار 24 ياشقا كىرىدۇ. 2011-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقىدىكى يېڭى باشلامچىغا ئايلاندى. ھەر يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ 23 كىشىلىك تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. 2011-يىلى 10-ئورۇنغا، 2012-يىلى 13-ئورۇنغا، 2013-يىلى 5-ئورۇنغا، 2017-يىلى 7-ئورۇنغا تىزىلىپ، 2015-يىلى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى. بۇ بەش يىلدا ئۇ مۇقىم ئىلگىرىلىدى.
2015-يىلى نېيمار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. ئۇ بارسېلونا بىلەن بىرلىكتە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، شاھلىق لوڭقىسى، بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى، ياۋروپا دەرىجىدىن تازقىرى لوڭقىسى، دۇنيا كۇلۇبلار لۇڭقىسى قاتارلىق بەش لوڭقىغا ئېرىشتى. بارسېلوناغا ۋاكالىتەن 53 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 41 توپ كىرگۈزۈپ، 16 ياردەم توپ چىقاردى. ئىككىنچى قېتىم سامبا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى(ياۋروپادا توپ تېپىدىغان بىرازىلىيەلىكلەر ئۈچۈن) غا ئېرىشتى. فىرانسىيەنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇسى «كوماندا گېزىتى» باھالىغان يىللىق يۈز مەشھۇر چولپاننى باھالاشتا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ، مېسسىنىڭ كەينىدىلا تۇردى.
خۇددى ئەينى چاغدا مېسسى رونالدىنھونىڭ ئورنىنى باسقانغا ئوخشاش، مېسسىدىن بەش ياش كىچىك نېيمارنىڭ ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پۇتبول دۇنياسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمرانى بولۇشىدىن ئۈمىد بار. مېسسى 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئالدىنقى ئۈچ نامزاتىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، بىرەر قېتىممۇ ئالدىنقى ئۈچ نامزاتنىڭ سىرتىدا قېلىپ باقمىدى. تۆت قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۈچ قېتىم ئىككىنچى بولدى، بىر قېتىم ئۈچىنچى بولدى. 2015-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتنى ئېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن زور. رونالدومۇ 2010-يىلىدىن باشقا يىللىرى ئالدىنقى ئۈچكە تولۇق كىردى. مېسسى بىلەن رونالدو ھۆكۈمران بولغان مەزگىلدە توررېس، شاۋى، ئىنىستا، رېبىرى، نويىر قاتارلىقلار ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، مەغلۇب بولدى. نېيمار ئەمدىلىكتە يېڭى رىقابەتچىگە ئايلاندى. يېشى، ئۆسۈپ يېتىلىش خاسلىقى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، نېيمار ئۆتكەنكى ھەر قانداق رىقابەتچىدىن كۈچلۈك. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈچ نامزاتنىڭ ئىچىگە كىرىشى، بەلكىم ئۇنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك قەدىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نېيمار خۇددى 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلىق ئورنىغا چىققان مېسسىغا ئوخشاش، ھۆكۈمرانلىقنى كۆزلەپ ئالغا ئىنتىلمەكتە.
تېخى يېقىندىلا، تاشقى پىلانېتا ئادىمى رونالدو: «تىكىشىمەنكى، نېيمار 2016-يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبى بولىدۇ» دېگەنىدى. بەلكىم بۇ يىل يەنە مېسسى بىلەن رونالدونىڭ جېڭى داۋاملىشار. لېكىن نېيمارنىڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، ئۇ تېخى يېتىلىۋاتىدۇ، مېسسى ۋە رونالدو بىلەن بولغان پەرقىنى كىچىكلىتىۋاتىدۇ. كەينىدىكىلەرنى تېخىمۇ يىراققا تاشلاۋاتىدۇ. خازارد چېلسىدا قالىدۇ، ئىنگلاند بىرلەشمىسى مۇھىتىدا ئۇنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىش تولىمۇ تەس. ئۇنىڭ قۇردىشى گوتىزې دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن ئىلگىرىلىيەلمىدى. پوگبا گەرچە ياخشى ئويناۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا چوڭ سەكرەش يوق. مېسسى ۋە رونالدو ھۆكۈمرانلىقتىن بارا-بارا چېكىنگەندە، رىقابەتچىلىرى بولمىغان نېيمار پۇتبول دۇنياسىنىڭ تەنھا ھۆكۈمرانى بولغۇسى...
![]() |
باش تىرېنېر جەن شۇپىڭغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8–مارت قىزىلبايراقدارى››دەپ نام بېرىلدى .
جىڭ بو، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved