«يىپەك يولى ساداسى» يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەرجىمھالى : ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

 

كەسپى: ناخشىچى ئارتىس

 

رايون:قەشقەر

 

تۇغۇلغان ۋاقتى:1969-10-12

 

يۇلتۇز تۈركۈمى:شىر يۇلتۇز

 

قان تىپى:B تىپلىق

 

بوي ئىگىزلىكى:176سانتىمىتىر

 

 

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكرى چوڭقۇر, ھېسسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي, لىرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا توغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە, ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا, سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.

1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسىگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ, ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ – دە, ئۇنى سەنئەت ئىنستېتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنستېتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە, يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ, ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ, ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ, ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈردى.

 

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7- ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ, شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان «غېرىپ – سەنەم» ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى. 1992- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان, ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

 

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ, لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ ئورۇنلىغان «سىرلىق تۇمان», «ئۇچراشقاندا», «ۋاپادارىم», «مۇئەللىم», «كېچەلەيمەن», «ئايرىلىش», «كۆزۈڭنى ياشلىما», «تۇنجى سۆيگۈ», «سېغىنىش كۈيلىرى» قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ, ئابدۇللانىڭ خەلق ئىچىدىكى شۆھرىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1994- يىلىدىن ھازىرغىچە «سىرلىق تۇمان», «سۈكۈتتىكى سادا», «پەرۋانەڭ بۇلاي» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى , «شېرىن چۈش», «تۇنجى سۆيگۈ» قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشر قىلىندى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1998- يىلى 4- ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ, ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 1998- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ «مۇنەۋۋەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئادەم, يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ, ئاممىباب ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1- دەرىجىلىك ناخشىچى بولۇپ باھالاندى.

1999- يىلى بېيجىڭ, شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە «ياشلىق كۈيى» دېگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. 1999- يىلى 9- ئايدا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى دراما بايرىمى» دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى, يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى.

 

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «شادىمان دوستلار», «بۇ كىشىنى تونۇمسىز» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى, «گۇناھسىز جىنايەتكار», «كېيىنكى ئاتا» قاتارلىق درامىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ, ئۆزىنىڭ پېرسوناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئۇچرىشىش», «شېكەر شەنبە», «پۇل», «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خاراكتېرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ, بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش, دراما-ئېپىزوتلاردا رول ئىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي, يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ, «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش», «ئاي گۇۋاھ», «ئۇر توقماق», «كۈلكىگە يوشۇرۇنغان يىغا» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ, تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.

 

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستېتۇتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن, كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۆز-ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇردى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ ھېسسىياتقا باي لىرىك ناخشىلىرى, ئېغىر-بېسىق مىجەز-خاراكتېرى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

ئامىنەمۇ 1988- يىلى «بويتاقلار ئائىلىسى» ناملىق ھېكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988- يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ, كېيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى. 1991- يىلى 7- ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بەختلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.



خەتكۈچلەر:
04-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek