ئامېرىكىلىق ئانا تۇغقان ئايلىق پەرقلىنىدىغان ئۈچكېزەكلەر

     ئامېرىكىلىق بىر ئانا توققۇز ئاينىڭ ئىچىدە ئۈچ بالا تۇغقان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ھازىر تۆت ياشقا كىرگەن. كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغىنى شۇكى، بۇ بالىلار ئۈچ كېزەك ئەمەسكەن. ئەڭ چوڭى قىز بولۇپ، قالغان ئىككىسى قوشكېزەك سىڭىللىرى ئىكەن. ئۈچ قىزنىڭ ئادەتتىكى ھەرىكەت ۋە قىزىقىشلىرى ناھايىتى ئوخشىشىدىغان بولۇپ، ھەقىقىي ئۈچ كېزەك بولسىمۇ، ئۇلار ئۈچ كېزەككە ئوخشايدىكەن.

     ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا، بۇ ئانا چوڭ قىزى كارانى يەڭگىگەن. ئۇلار بالىلىرىنىڭ بىر قەدەر يېقىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغاچقا، ياش پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىنى خالىمىغان. شۇڭا كارا ئۈچ ئايلىق بولغاندىلا ئۇلار يەنە بىر بالىلىق بولۇشقا تەييارلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئايال يەنە ھامىلدار بولغان ھەمدە 12 ھەپتىلىك بولغاندا دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى بارغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قورساقتىكى ھامىلىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى بىلگەن. كېيىن بۇ بالىلار 27 ھەپتە بولغاندىلا تۇغۇلغان، ھەقىقەتەن قوشكېزەك قىز تۇغقان. توققۇز ئايلىق بولغان كارا ئىككى قىزغا ئاچا بولغان. ھەر بىر كىچىك قىزنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى قاداقلا كېلىدىكەن.

       ئۇلار گەرچە ئۈچ كېزەك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ناھايىتى يېقىن بولۇپ، كىيىنىشىمۇ ئوخشاش، ھەتتا بىر كارۋاتتا ئۇخلايدىكەن.

     ئۇلارغا ئوخشاش ئائىلىدىن يەنە بىرى بار بولۇپ، بۇ ئائىلە ئەنگىلىيەدە ئىكەن.

     ئەنگىلىيەدە بىر 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئايال ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا بىر بالا يەڭگىگەن. توققۇز ئايدىن كېيىن، بۇ ئايال يەنى بۇ يىل 3-ئايدا ئۈچ كېزەك تۇغقان. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئوغۇل بىرى قىزكەن.

بۇ ئائىلىدىكى ئەر 31 ياشتا، ئايال 29 ياشتا ئىكەن. ئەر بىر پوچتالىيون، ئايال بولسا بىر مۇئامىلىدار دېرىكتورى ئىكەن. بۇ ئەر-ئاياللار ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا بىر ئوغۇللۇق بولغان. كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغىنى بولسا سەككىز ھەپتە بولغاندا بۇ ئايال يەنە ھامىلدار بولغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئۈچ كېزەك ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

دوختۇر بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى چۈشۈرۋېتىشنى تەكلىپ بەرگەن، بۇنداق قىلغاندا قالغان ئىككى بالىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان شارائىت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن. دوختۇرنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئۇلار رەت قىلغان. بۇ يىل 3-ئايدا ئەمدىلا يەتتە ئايلىق بولغان ئۈچ كېزەك بالدۇر تۇغۇلغان. ئۆتكەن ئايدا بۇ ئۈچ كېزەك بالىلار ساغلام ھالدا دوختۇرخانىدىن چىققان.

يېقىندا، ئۇلارنىڭ ئۆيى بالا باقىدىغان يەرگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ھەر ھەپتىدە 175 پارچە زاكا ئالماشتۇرىدىكەن، 80 قۇتا سۈت پاراشوكى ئېمىتىدىكەن. مۇشۇنداق بولسىمۇ، بۇ ياش ئەر-ئاياللار ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.



خەتكۈچلەر:
30-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
05-05-2016
     يۈننەن شياڭگېرىلا بالوڭزون قارلىق تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5545 مېتىر بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا شياڭگېرىلادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. ماي ئېيىدىكى بالوڭزون قارلىق &nbs...
04-05-2016
    «ياشلىقنى مەدھىيىلەش، مېھىر-مۇھەببەت تۇتاشتۇرۇش» شىنجاڭ «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 97 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ياشلىق كونسېرتى غەلىبىلىك ئاياغلاش...
04-05-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى›› ناملىق كونسېرت 28 – ئاپرېل ئاپتون...
04-05-2016
    3-چېسلا مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، رايونىمىزدىكى 159 تۈر دۆلەت ساياھەت مەخسۇس تۈر ئامبىرىغا تاللاپ كىرگۈزۈلۈپ بولغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ...
04-05-2016
    ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا ھەقسىز بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل لىنىيەسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسىمىي ئېچىلدى. ساياھەتچىلەر پەقەت 215 يۈەنلىك بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا كىرىش بېلىتى ھەمدە رايون ئىچى ماش...
01-05-2016
    پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى 2015-يىلى قىش پەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانىنى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ يىل مەزكۇر مەنزىرە رايونىدا يەنە يېڭىدىن ساياھەت تۈرى – جەنۇبىي شىنجا...
30-04-2016
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادىكى پەرىشتە شارقىراتمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك شارقىراتما بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىكەن، ئەتراپى چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ئۇ يەرگە يامىشىپ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆر...
30-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي بۇ يىل يازدا دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تېما قىلىنغان باغچا - IMG تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسى (IMG Worlds of A...
Powered by Leglek