يەر شارى تورى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ يېڭى پادىشاھى سالمان 29-يانۋار ھۆكۈمەتنى زور كۆلەملىك ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ھوقۇقنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن. سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مەرھۇم پادىشاھى ئابدۇللانىڭ ئىككى ئوغلى خىزمەتتىن بوشىتىلغان، ئاخبارات مىنىستىرلىقى ۋە باشقا مۇھىم تارماقلاردىمۇ خادىملار تەڭشەلگەن.
29-يانۋار ئېلان قىلىنغان پادىشاھ پەرمانىغا بىنائەن، سابىق پادىشاھ ئابدۇللانىڭ ئوغلى، شاھزادە خالىد دۆلەتلىك ئاخبارات باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىق ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن. باشقا بىر پەرمانغا بىنائەن، سابىق پادىشاھ ئابدۇللانىڭ جىيەنى، شاھزادە باندارمۇ دۆلەتلىك بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن. ئابدۇللانىڭ باشقا ئىككى ئوغلى، يەنى مەككە رايونىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان شاھزادە مىشال بىلەن پايتەخت رىيادنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان شاھزادە تۇركىمۇ ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئالدىنقى ھەپتە 90 ياشقا كىرگەن سەئۇسىي ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 79 ياشلىق ئىنىسى سالما ن تەختكە چىقتى.
سالمان تەختىكە چىقىشى بىلەنلا مەدەنىيەت، ئۇچۇر مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرى، ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىرى، ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 نەپەر ئىچكى كابىنېت ئەزاسىنى قايتىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نېفىت چوڭ دۆلىتىنىڭ نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىرى ئالماشمىغان. سە ئۇدىي ئەرەبىستاندىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سالمان تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ نېفىت سىياسىتى، دۆلەت ئىچى سىياسىتى، شۇنداقلا باشقا يەرلىك سىياسەتلىرى ئۆزگەرمەيدىكەن.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved