ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ۋاڭيى ماشىنا ئۇنۋىرسال تورى بۈگۈن ئىلان قىلىپ،ئەگەر بىنىز Ener-G-Force سىزنىڭ دالا ماشىنىسىغا بولغان كۆڭلىڭىزنى قاندۇرالمىغان بولسا،ئۇنداقتا بۇ ماشىنا چوقۇم سىزنى قايىل قىلىدۇ،بۇ ماشىنا مەخسۇس ‹دۆلەت جۇغراپىيسى›ژورنىلىنىڭ فوتوگراف گۇرۇپپىسى لاھىيلىگەن خەلقئارالىق ZAIRE تىپلىق ماشىنا بولۇپ،تەسەۋۋۇرلۇققا باي سىرتقى كۆرىنىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئىرىشتى.
بۇ دالا ماشىنىسىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى بىر تانكىغا ئوخشايدۇ،ياكى ئۇنى يەرگە چاپلىشىپ قالغان سىياھ بىلىققا ،تۆت پۇتلۇق پاقىغا ئوخشاش دىسەك تىخىمۇ يىقىن بولىدۇ،بۇ خىل لاھىيە باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ،لىكىن بۇ ماشىنىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش چەكلىمىسى بار يوقلىقىنى ۋاقتىنچە ھىچكىم بىلمەيدۇ.
ماشىنىنىڭ ئىچى 5 ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ،ئالاھىدە بولغىنى بۇ ماشىنىنىڭ ماشىنا ئۈستىدىن تۇتاش چىققان ھالىتى بولۇپ،فوتوگرافلار ماشىنا ئۈستىدە سۈرەتكە تارتالايدۇ. بۇ ماشىننىڭ ماگىنىتلق لەيلىمە چاق سىسىتىمىسى، داجوڭ لاھىيلىگەن تەگلىكى بار بولۇپ، دۆڭ،يانتۇلۇق قاتارلىق ماڭماق قىيىن بولغان يول بولسۇن،يەنىلا ماشىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدۇ،ئىچىدە ئولتۇرغانلارمۇ شۇنداق راھەت ھىس قىلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ---LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved