جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 20-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پۈتۈن ئامېرىكدىكى ساقچىلارنىڭ خاس ھەربىي قورال-ياراغ، مۇداپىئە قالقىنى قاتارلىق توپىلاڭ باستۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويغان، شۇنداقلا قانۇن ئىجراچىلىرىنى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئۆز ئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇشقا دەۋەت قىلغان.
ئوباما يېڭى جېرسىي ئىشتاتى كامدېن شەھىرىدىكى بىر مەھەللە مەركىزىدە بۇ بۇيرۇقنى جاكارلاپ، ساقچى تارماقلىرى مەھەللىلەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا زەنجىر تاپانلىق برونېۋىك، نەيزە، گىرانات، چوڭ كالىبرلىق قورال ۋە ئوق-دورا قاتارلىق ھەربىي قورال-ياراغلارنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن. ئۇ بۇ ئارقىلىق ساقچىلاردىكى ئېشىپ كەتكەن ھەربىيچە ئوبرازىنى يوقىتىپ، ساقچى تەرەپ بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved