پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 18-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
گەرچە ئاخىرقى ئۈچ ئايلىق ساپ پايدىسى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن سەل تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودىكى ئىجتىمائىي مېدىيە ۋە تور ئويۇنى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شىركەت تېڭشۈن 2015-يىلى پۈتۈن يىللىق پايدىسىنىڭ %21 ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
2015-يىللىق ساپ پايدىسىنىڭ ئېشىشى %20تىن كۆپرەك بولۇپ، 28 مىليارد 800 مىليون يۈەن (4 مىليارد 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، تىجارەت كىرىمى %30 ئېشىپ، 102 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولدى.
تېڭشۈن ئابۇنتلارنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى، يەنى كىشىلەر ئەقلىي يانفون ئارقىلىق ئىجتىمائىي مېدىيە ۋە پاراڭلشىش دېتاللىرىغا چىقىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۈستەل كومپيۇتېر ياكى يان كومپيۇتېرنى ئىشلەتمەس بولغان. تېڭشۈن يەنە بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىنىڭ ئىستېمال كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، توردا مال سېتىۋېلىش جۇڭگودا كۈنسېرى ئومۇملاشقان، بولۇپمۇ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەردە شۇنداق بولغان.تېڭشۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلانمۇ پەيدىنپەي شەخسىي كومپيۇتېردىن يانفونغا يۆتكەلگەن.تېڭشۈن 2016-يىلى توپ ئۇچۇر ۋە فىلىم مەزمۇن ساھەسىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تېڭشۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلانمۇ پەيدىنپەي شەخسىي كومپيۇتېردىن يانفونغا يۆتكەلگەن.
![]() |
مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي ئېنىقلىشىچە، ئىچكى كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 5-مايدىكى تىك ئۇچار يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.
مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار 6-ماي ...
|
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved