لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسى دەنلىڭ ناھىيسىدىكى بىر يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولنىڭ پۇل يىغىش ئورۇنغا يېقىن يەردىكى ئككى كارخانا ئىس تۈتەك قويۇپ بىرىپ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان پۇل يىغقۇچى خادىملار زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش قالپىقى تاقاپ ئىشقا كەلگەن . 23 – دېكابىر پېڭبەي ئاخباراتلىرى مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، خۇنەن ئۆلكىسى دەنلىڭ ناھىيسىدىكى بۇ ئككى كارخانىنىڭ مۇھىت مەسلىسى دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان . ھازىر بۇ ئككى كارخانىنى توك بىلەن تەمىنلەش توختىتىلغان .
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 22 – دېكابىر خەۋىرىگە قارىغاندا ، دەنلىڭ ناھىيىسىدىكى دەنشۇ يۇقىرى سۈرەتلىك يولى جوڭسۈن پۇل ئېلىش ئورۇندىدىكى خادىملار ھەر كۈنى ئىشقا كەلگەندە زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش قالپىقى كىيىپ ئىشلەيدىكەن . پۇل يىغىش ئورۇنغا 200 مېتىر كەلمەيدىغان يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولنىڭ بىر تەرپىدە ئككى بۇلغانغان كارخانا قويۇق ئىس تۈتەكلەرنى قويۇپ بېرىدىكەن .
خەۋەر قىلىشىچە بۇ ئككى بۇلغانغان كارخانىنىڭ بىرسى دەنلىڭدىكى پولات تۆمۈر ئىشلەش زاۋۇتى ، ئاساسلىقى سىلىتسىي ئىشلەيدىكەن . 12 – ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىشت توختىتىلىپ رېمونت قىلشقا بۇيرۇلغان . رېمونت قلىشتىن بۇرۇن ھەر كۈنى 24 سائەت ئىشلەپ ، توختىماي ئىس تۈتەك قويۇپ بېرىدىكەن . يەنە بىر كارخانا بولسا ئاساسلىقى مانگان ئىشلەپتۇ . ھەر كۈنى ئەتگەن سائەت 9 دىن ئەتىسى سائەت 8 گىچە ئىشلەپچىقىرىدۇ . قويۇق ئىس قويۇپ بىرىدۇ ، بىر خىل سېسىپ قالغان تۇخۇمنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇپ بېشىنى قايدۇرىدۇ .
مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، بۇ ئككى كارخانا تېخى بۇلغىمىنى تۈزەش پائالىيىتى ئېلىپ بارمىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved