2-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنى بۈگۈن رونالدونىڭ 31 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. بۈگۈنگىچە رونالدو مادرىد ئۈچۈن 343 توپ كىرگۈزدى، ئۇ كۇلۇب تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن. رونالدونىڭ بۈگۈنكى تارىخى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەمما «ئاس گېزىتى» يەنىلا ئۇنىڭ 2016-يىلىدىكى تۆت نىشانىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى.
شەخسى جەھەتتە، رونالدو ئىككى تۈردە ئالتۇن بوتىسقا ئېرىشىشنى تالىشىدۇ. ياۋروپا ئالتۇن بوتىس رەت-تەرتىپىدە، ھىگۇايىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 22 توپ كىرگۈزگەنلىكتىن ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، رونالدو ۋە سۇيارىز ئىككىلىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 19 توپ كىرگۈزدى. ناۋادا رونالدو ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاتاپىغا ئېرىشەلىسە، ئۇ تارىختىكى بۇ تۈرلۈك مۇكاپاتقا بەش قېتىم ئېرىشكەن تۇنجى توپچىغا ئايلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، رونالدو يەنە تارىختىدىكى ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا تۆت قېتىم ئېرىشكەن بىردىنبىر مەرگەن.
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە، رونالدو ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى تالىشىش بىلەن بىرگە، يەنە تاق پەسىللىك توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزماقچى، ئالدىنقى پەسىلدە رونالدو مادرىد ئۈچۈن 17 توپ كىرگۈزگەن. بۇ پەسىللىك گۇرۇپپا مۇسابىقىدە، رونالدو 11 توپ كىرگۈزدى. رونالدو ناۋادا يېڭى رېكورت ياراتماقچى بولسا، شاللاش مۇسابىقىسىدە يەنە يەتتە توپ كىرگۈزىشى كېرەك.
كوللىكتىپ شەرەپ تەرەپتە، رونالدونىڭ ئىككى نىشانى بار. بىرى مادرىدقا كۈچ قوشۇپ تارىختىكى 11-قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىش، ئىككىنچىسى پورتوگالىيەگە كۈچ قوشۇپ ياۋروپا لوڭقىسىغا ئېرىشىش. دۆلەت كوماندىسى تەرەپتە، رونالدو بۈگۈنكى كۈندە تېخىچە ھېچقانداق شەرەپكە ئېرىشىپ باقمىدى، بۇ يىل ياز ئۇنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.
31 ياش كۆپ قىسىم توپچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئىپادىسىنىڭ تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما رونالدونىڭ ئىپادىسى يەنىلا ناھايىتى ياخشى. «ئاس گېزىتى» مادرىدنىڭ بىر قانچە نەپەر رىۋايەتلىك توپچىسىنىڭ 31 ياشتىن كېيىنكى ئىپادىسىنى مىسال قىلىپ رونالدونى ئىلھاملاندۇردى. دىستىفانو 31 يېشىدىن كېيىن 10 قېتىملىق چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، بۇ ئۈچ قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بەش قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇسكاش مادرىدقا قوشۇلغاندا 31 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ 262 مەيدان مۇسابىقىدە 242 توپ كىرگۈزگەن، ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بەش قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. خۇگو سانچېس 31 يېشىدىن كېيىن مادرىد ئۈچۈن 31 توپ كىرگۈزگەن، ئومۇمى كىرگۈزگەن توپ سانىنىڭ % 9 نى ئىگەللەيدۇ. خۇنىتو 31 يېشىدىن كېيىن ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىگەن، رونالدو مادرىدتا 31 ياشقا كىرمەيلا كاپېلو تەرىپىدىن ھەيدىۋېتىلگەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved