كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونى دېگەن نېمە؟

2 – ئىيۇن مەركىزىي بانكىنىڭ ‹‹كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جۇڭگو بانكىسى، سودا – سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق پۇل ئامانەت كەسپىي ئاپپاراتلىرى 15 – ئىيۇن تۇنجى قارارلىق كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونى تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ قېتىمقى كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونىنىڭ قەرەلى بىر ئايلىق، ئۈچ ئايلىق، ئالتە ئايلىق ۋە بىر يىللىقتىن ئىبارەت تۆت خىل، ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم %2.54، %2.59، %2.87، %3.15 بولۇپ، ئوخشاش قەرەلدىكى بانكا قەرەللىك ئامانىتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدىن 49 پىرسەنت پوئېنتتىن 65 پىرسەنت پوئېنتقىچە يۇقىرى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، شەخسلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش چېكى 300 مىڭ يۈەن بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بانكا تىجارەتخانىلىرى، تور بانكىسى ياكى يان تېلېفون بانكىسى ئارقىلىق سېتىۋالالايدىكەن.
كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونى سودا بانكىسى، سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا، يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق پۇل ئامانەت كەسپىي ئاپپاراتلىرى مەبلەغ جۇغلاش ئۈچۈن تارقىتىدىغان، ئامانەت پۇل خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ھېسابقا خاتىرىلىنىدىغان پۇل ئامانەت مەھسۇلاتى بولۇپ، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئۇ ئىككىلەمچى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ئوبوروت قىلىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرۈشكە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شەخسلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش چېكى 300 مىڭ يۈەن، مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش چېكى 10 مىليون يۈەن. ئۇ ئۆسۈم ھېسابلاش ئۇسۇلىغا قاراپ مۇقىم ئۆسۈملۈك ئامانەت تالونى ۋە لەيلىمە ئۆسۈملۈك ئامانەت تالونىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، مۇقىم ئۆسۈملۈك ئامانەت تالونىنىڭ ئۆسۈمى يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. لەيلىمە ئۆسۈملۈك ئامانەت تالونىنىڭ ئۆسۈمى شاڭخەي بانكىلار ئارا مەبلەغ ئۆتنە – يېرىم مەركىزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونى ھېسابقا خاتىرىلىنىدىغان بولۇپ، بىخەتەر مەبلەغ سېلىش قورالى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئەسقەر جاپپارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم سېتىلغان كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونى مۇقىم ئۆسۈملۈك بولۇپ، دىرى بىلەن ئۆسۈمىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونىنى رەنىگە قويۇپ قەرز پۇل ئالغىلى، چەت ئەلگە چىقىش ئامانەت پۇل ئىسپاتنامىسى يازدۇرغىلى بولىدىكەن. كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونىنى قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئىككىلەمچى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ئوبوروت قىلغىلى، ئۆتۈنگىلى، سودىلاشقىلى، نەقلەشتۈرگىلى بولىدىكەن. مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرۈلگەن قىسمىغا شۇ كۈندىكى قەرەلسىز بانكا ئامانىتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدىكەن، قالغان قىسمىغا ئەسلىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئىجرا قىلىنىدىكەن. كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونى رەنىگە قويۇلغان، مەبلەغ ئىسپاتى قىلىنغان ياكى توڭلىتىپ قويۇلغان بولسا، مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرگىلى بولمايدىكەن.
ھەر قېتىم تارقىتىلىدىغان كۆپ سوممىلىق ئامانەت تالونىنىڭ تۈرى، قەرەلى، كۈتۈلمە ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ مەبلەغ ئەھۋالى، تەۋەككۈلچىلىكى ۋە قىزىقىشىغا قاراپ تاللاپ مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن نەقلەشتۈرگىلى، ئۆتۈنگىلى بولامدۇ – يوق، ئۆسۈم ھېسابلاش ئۇسۇلى قانداق دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئوبدان ئويلىشىپ سېتىۋېلىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
18-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قانۇن كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئالىي خەلق تەتپىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن ئۆزى تۆلەم مەجبۇريىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئورگانلارنىڭ ...
16-05-2016
بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 12776.60 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 3.4 دوللار ئۆستى؛ ھەر ئۇنىسيە نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 17.27 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بىرى 0.18 دوللار ئۆستى؛ خەلق ...
16-05-2016
ياۋرو رايونى بىرىنچى پەسىللىك GDP قىممىتىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، كۈچلۈك جانلىنىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن پۇل سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك خېشۈن تاشقى پېرېۋوت تورى خەۋىرى، باغداش مۇنبىرىدىن بايكۈچ تەرجىمىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستات...
16-05-2016
3 ئايلىق يۈكسىلىشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ كۆپ خىل يادرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 4-ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىدى، ئەنئەنىۋى ئىتتىرىش كۈچىدىن ئايرىلىش ئىقتىساد ئېشىشنىڭ ئالغا سىلجىتىشى بىلەن يېڭى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشقا بولغان ئىتتىرى...
14-05-2016
ئاستانە ئىقتىساد مۇنبىرىنى تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئاستانە ئىقتىساد مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 25، 26-كۈنلىرى ئاستانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، پۈتۈن دۇنيادىكى سودا، ئىلىم-پەن ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى باشلامچى كىشىلەر مۇن...
14-05-2016
بىرىنچى پەسىلدە، جۇڭگۈەنسۈندە جەمئىي 352 كارخانا 358 قېتىم PE/VC مەبلىغىگە ئېرىشتى، ئومۇمىي ئېرىشكەن مەبلەغ 66 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.8 ئاشتى. يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ يۇقىرى كارخانىلاردىن مېيتۈەن تورى...
14-05-2016
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 13-چېسلا ئېلان قىلغان 2015-يىللىق شەھەر-بازار ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۇل-مۇئامىلە كەسپى يەنىلا كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ بولغان، لېكىن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ زىيادە...
14-05-2016
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئومۇميۈزلۈك «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغىلى بىر ھەپتە بولدى. 8-ماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 6...
14-05-2016
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جاكۇب لېۋ 13- مارت ئەسكەرتىش بېرىپ: پۇل ئۇرۇشى يەر شارى ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دېگەن ھەمدە يەتتە دۆلەت ئەزالىرىنى بۇندىن ئىلگىرى بەرگەن پېرېۋوت نىسبىتى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، پۇلنىڭ رىقابەت خاراكتېرلىك ...
14-05-2016
   جاڭ زىياڭ، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - ش...
Powered by Leglek