زاكىر تور خەۋىرى لەگلەك تور تەرجىمىسى
شىنخۇا ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە يىزا-ئېگىلىكىى 15-چىسلا تىرىقچىلىق ۋاقتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىدىن دۆلەت ئىچىدە گىن يۆتكەلگەن قوناق MON810نى تىرىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.
فىرانسىيە يىزا-ئېگىلىكى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر ھۆججەتتە ئىيتىلىشىچە، گىن يۆتكەلگەن قوناق MON810نىڭ مۇھىتقا بولغان زىينىنىڭ ئىغىرلىقى ئىسپانلانغان.
گىن يۆتكەلگەن قوناق MON810 ئامىرىكا MONSANTO شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۆسۈش جەريانىدا بىر خىل BT دەپ ئاتالغان زەھەرلىك ماددا چىقىرىدىكەن، قوناقتىكى زىيانداش ھاشارەتنى ئۆلتۈرۈپ يەر ئىگىلىرىگە دورا پۇلىنى تىجەپ بىرەلەيدىكەن. لىكىن، بۇ خىل قوناقنىڭ بىخەتەرلىكى تىخى ئالىملارنىڭ دەلىللىشىگە ئىرىشمىگەن.
فىرانسىيە گىن يۆتكەلگەن زىرائەتلەرگە قارشى تۇرىدىكەن. كۆپلىگەن فىرانسىيەلىك كىشىلەرنىڭ قارىشىچە،گەرچە گىن يۆتكەش تېخنىكىسى زىرائەتلەرنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلىگەن ياكى زىيانداش ھاشارەتلەرگە قارشى تۇرالىغان بىلەن لىكىن مۇھىتقا ۋە ئادەملەرنىڭ سالاماتلىكىگە زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن ئىكەن.
گىن يۆتكەلگەن قوناق MON810نى تىرىشنى چەكلىگەن دۆلەتتىن يەنە ئاۋسترىيە، بۇلغارىيە، پولشا، گىرمانىيە، ليۇكسېمبورگ، گىرىتسىيە، ۋېنگىرىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بار ئىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved