ئاۋسترىيەدە گىرىم قىلىش ماشىنىسى بارلىققا كەلدى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 7-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېنا شەھىرىدىكى مايا پىندېئۇس (Maya Pindeus) ۋە جوھاننا پىچلبائۇئېر (Johanna Pichlbauer) ئىسىملىك ئىككى لايىھەلىگۈچى يېقىندا ئاياللارغا گىرىم قىلىپ قويالايدىغان ماشىنا ئادەم ياساپ چىققان ۋە بۇنى فىرانسىيە سانتا ئېتېننې 2015-يىللىق خەلقئارا لايىھەلەش قوش يىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم نامايان قىلغان.
گەرچە بۇ ‹‹گىرىم قىلىش ئۇستىسى›› نىڭ گىرىم قىلىش سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنسانلار بىلەن ماشىنا ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان.
مەزكۇر ‹‹گىرىم قىلىش ئۇستىسى›› لەۋ سۇرۇخ ئۈسكۈنىسى، كۆزگە سىزىق سىزىش ئۈسكۈنىسى، ئەينەك قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل قۇرۇلمىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر ئۈسكۈنىنىڭ ئالدىغا ئىڭەك تىرىگۈچ ئورنىتىلغان. گىرىم قىلىشتىن بۇرۇن لايىھەلىگۈچىلەر ماشىنا ئادەمنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئەينەكنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ چىققان.
مۇناسىۋەتلىك سىن ماتېرىيالىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ماشىنا ئادەمنىڭ بىلكى ئالدى بىلەن كۆز مەلھىمىنى مۇقىملاشتۇرۇۋالىدىكەن، ئاندىن كۆز چوتكىسى ئارقىلىق كۆزگە سىزىق سىزىشقا باشلاپ، خۇددىي ئادەملەردەك نورمال تەرتىپ بويىچە كۆزگە سىزىق سىزىش مەشغۇلاتىنى تاماملىيالايدىكەن.
بىراق ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، سىناق قىلىپ گىرىم قىلدۇرغۇچىلارنىڭ پىشانىسى، يۈز-كۆزلىرى ۋە بۇرنى قاتارلىقلار «گىرىم قىلىش ئۇستىسى» تەرىپىدىن قاپقارا قىلىۋېتىلگەن. لەۋ سۇرۇخ ئايلىنىش دائىرىسى بىرقەدەر كىچىك بولغان ئەگرى دەستىگە ئورنىتىلغان ئىكەن، بىراق ھەممە ئايالنىڭ لەۋ شەكلى ئوخشىمىغاچقا، ماشىنا ئادەم ئۇلارنىڭ لەۋ شەكلىنى پەرقلەندۈرەلمەي، لەۋ سۇرۇخنى ئاياللارنىڭ ئىڭەكلىرى ۋە يۈز-كۆزلىرىگە سۈرۈۋەتكەن.
بۇ ‹‹گىرىم قىلىش ئۇستىسى›› غا يەنە LED يورۇتۇش چىرىغى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ نۇر توسۇش تاختىسى ئاياللارنىڭ تىرىسىنى پارقىراق قىلىپ كۆرسىتىدىكەن.
لايىھەلىگۈچى مايا پىندېئۇس بىلەن جوھاننا پىچلبائۇئېر مۇنداق دېگەن: ‹‹بۇنىڭ ئۈنۈمى بىز ئويلىغاندەك بولماي قالدى، بىراق بىز يەنىلا ماشىنا ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدەك بىر تەرىپىنى بايقىۋالدۇق››.
ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماشىنا ئادىمىمىزنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئوي-پىكىرى ۋە خاھىشى بار. بىز بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ماشىنا ئادەمنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئىنچىكە ئىشلارنى ماشىنا ئادەمگە قىلدۇرۇپ بېقىش تەسىراتىغا ئىگە قىلماقچى›› دېگەن.



خەتكۈچلەر:
09-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek