ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ 18-نۆۋەتلىك نېفىت، تەبئىي گاز خەلقئارا كۆرگەزمىسى 13-ماي تاشكەنتتە باشلاندى، جۇڭگو بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو، كورىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 50 گە يېقىن كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان. كۆرگەزمە مەزگىلىدە نېفىت تەبىئىي گاز قىدىرىش، ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش، ساقلاشقا چېتىلىدىغان يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەمدە ئالاقىدار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى دوكلات يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئىبراھىموف، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن لىجې ھەمدە ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكى ۋە كارخانا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved