ھىندىستان كىنو خانىشى كاجول دېۋاگاننىڭ تۇلۇق تەرجىمھالى

  كاجول دېۋاگان. ھىندىستاننىڭ نام چىقارغان ئايال ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى. 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان. ھىندىستاندىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىنو ئىشلەش جەريانىدا ھېچقانداق ئەنئەنىۋى قائىدە يۇسۇنلارغا سەل قارىمىغاچقا ، كۆرۈرمەنلەر ئۇنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى بەش قېتىم‹ كىنو خانىشى›دېگەن نامغىا ئېرىشكەن. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلار ئۇنى بوللىۋود كىنو تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇڭ قازانغان ئايال ئاكتىيور دەپ بىلىدۇ.


卡卓尔。德无干خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى:


KAJOLDEVAGANئېنگىلىزچە ئىسىم يېزىلىشى:


تۇغۇلغان ۋاقتى: 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى


كەسپى: ئاكتىيور


ئاساسلىق نەتىجىسى: بەش قېتىم ھىندىستان كىنو خانىشى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.


يۇلتۇز تۈركۈمى: ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى


:阿贾耶。德乌干يولدىشى: ئاجاي دېۋاگان


دىنىي ئېتىقادى: ئىسلام دىنى(مۇسۇلمان)




شەخسى تۇرمىشى

 


كاجول دېۋاگان 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئافغانىستان قان سېستىمىسىدىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ، ئەسلى ئىسمى كاجول مۇكارجى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ھىندىستاندىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كىنوچىلىق ئائىلىسى، ئۇلۇغ بوۋىسى ھىندىستاندىكى پىشۋا دەرىجىسىدىكى رېژىسور، بوۋىسى ساشاد مۇكارجى ۋە ھاممىسى ناھايتى چوڭ يۈزى بار كىشىلەردىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تاغىسى ھامما ئانىسى ، نەۋرە ئاكا ئۇكا ،ئاچا-سىڭىللىرى بوللىۋودتىكى داڭلىق چولپانلاردىن.


كاجولنىڭ دادىسى شومۇ مۇكارجى رېژىسور ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى ، ئاپىسى تانۇجا مۇكارجى ئىلگىركى مۇكاپاتلانغان ئاكتىيور، ھامما ئانىسى نۇتان ھىندىستانىڭ نام قازانغان كىنو خانىشى ، ئۇنىڭ مومىسى شوبنا ساماش ۋە ئۇلۇ مومىسى راتان بەيمۇ ھىندى تىلىدا ئىشلىندىغان كىنو ئارتىسىرى ئىدى. كاجولنىڭ سىڭلىسى تانىشا مۇكارجى كىنو ساھەسىدىكى يېڭى ئەزا .


مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە ئائىلە ئارقا كۆرىنىشىگە ۋە تۇغۇلىشىدىنلا گۈزەل بولغان كاجول ناھايتى ئوڭايلا كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرەگەن. كاجول كىچىكى ۋاقتىدا ناھايتى كەپسىزھەم جاھىل بۇلۇپ ،ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنى” ئەگەر مەندە بىر خىيال پەيدا بولسا ، مەن چۇقۇم ئۇنى قىلىمەن “ دەپ تەسۋىرلىگەن . كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئايرىلىپ تۇرۇپ ، كاجول ئانىسىغا قالغان ، ئانىسى ئۇنىڭدا بىرخىل مۇستەقىللىق قارشىنى يېتىلدۈرگەن بۇلۇپ ، ئۇ ئانىسى تەرەپتە ماراتلارنىڭ كونكىرىت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋارىسلىق قىلىشقا، داھىسى تەرەپتە بېنگەللىقلارنىڭ خارەكتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان .


كاجول باشلانغۇچ مەكتەپنى ياتاقلىق يېتىپ ئۇقۇيدىغان مەكتەپتە ئۇقۇغان، 16ياشقا كىرگەن يىلى ، يازلىق تەتتىللىك ئاراممەزگىلىدە تۇنجى فىلىمىدا رول ئالغان. سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،مەكتەپتىن چېكىنىپ چىققان، چۈنكى ئۇ فىلىمدە رول ئېلىشنى تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ئىشتەك ھېس قىلغان،ئۇنىڭ تۇنجى رول ئالغان فىلىمى ئىقتىسادىي قىممەت جەھەتتە مەغلۇپ بولغان بولىسمۇ، ئۇنىڭ رول ئېلىش ئۇسلۇبى باشقىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان ۋە 1993-يىلى شاھرۇلخان ئەر باش پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان فىلىم : مۇھەببەت ئالدامچىلىقىدا ، ئايال باش پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنىپ توختامتۈزگەن. ھەمدە بۇ فىلىم قۇيۇلغاندىن كېيىن ناھايتى زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە شاھرۇلخان بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹ كېلىن ئىزدەش› ‹ دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر › ‹ شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ › ‹2001› قاتارلىق فىلىملەردە رول ئېلىپ ، ھىندىستان كىنو خانىشلىق نامىغا ئېرىشكەن ( ئەڭ مۇنەۋەر ئايال ئاكتىيور مۇكاپاتى›.



كاجول 1994-يىلىدىن باشلاپ ئاجاي دېۋاگان بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان بۇلۇپ ، شۇ يىلى بۇ ئىككىسى

ھەمكارلىشىپ‹GUNDARAJ›


ناملىق فىلىمدە ر ول ئالغان. ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئۇلارغا‹ مۇمكىن بولمايدىغان بىر جۈپلەر› دەپ نام بەرگەن. چۈنكى بۇ ئىككەيلەننىڭ مىجەز خارەكتىرى تۈپتىن ئوخشىمايتى . ئاجاي دېۋاگان مۇنداق دېگەنىدى:‹ بىز ئەزەلدىن مەن سىزنى سۆيىمەن دەيدىغان كونا پاسوندا يول تۇتمايمىز ، توي تەكلىپى قۇيىدىغان ئىشمۇ بوپ باقمىدى، بىزنىڭ بىىرگە بۇلىشىمىز توينى مەسلىھەتلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ›.1999-يىلى 2-ئاينىڭ 24 -كۈنى ئىككىسى ئەنئەنىۋى ماراتچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. شۇ ۋاقىتتا كاجول كەسپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بۇلۇپ ، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ئۇنى توي قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتەرمۇ دېگەن توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشقان ،. ئەممە كاجول تويدىن كېيىن ئاكتىيورلۇق كەسپىنى تاشلىمىغان پەقەت ، رول ئالدىغان فىلىم سانىنى ئازايتقان. 2001-يىلى كاجول بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بوپ قېلىش سەۋەبىدىن بويىدىن ئاجراپ كەتكەن. 2003-يىلى 4-ئايدا، كاجول قىزى نىسا دېۋاگاننى تۇغقان. 2006-يىلى كاجول ئائىلە ئىشلىرىدىن بوشىنىپ، قايتىدىن كىنو ساھەسىگە كىرىپ ، ئامىرخان بىلەن ھەمكارلىشىپ‹ مۇھەببەت ئۈچۈن ھالاك بۇلۇش › ناملىق فىلىمدە رول ئالغان، ۋە 4- قېتىم ھىندىستان كىنو خانىشىلىق نامىنى ئالغان. 2010-يىلى ئۇ يەنە شاھرۇلخان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ‹مېنىڭ ئىسمىم خان › ناملىق فىلىمدە رول ئالغان، فىلىمدىكى يالغۇز ئانىنىڭ ئەپادىسى ئۇنى 5- قېتىم ھىندىستان فىلىم خانىشلىقى نامىغا ئېرىشتۈرگەن. شۇ يىلى ئۇنىڭ ئوغلى يۇڭ دېۋاگان دۇنياغا كۆز ئاچقان.


داڭلىق رېژىسور كاران چاخار كاجول بىلەن شاھرۇلخاننى ، ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدىغان بىر پىروگىراممىغا تەكلىپ قىلىپ ، ئىككى چوڭ چولپاننىڭ ‹ دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر› دىن كېيىنكى ئۇچراشتۇرشى ،كاران چاخارنىڭ ئارزۇسى ئىدى. بۇنىڭدىن سىرىت ئۇ يەنە چوپلان پېرىتى زىنتا بىلەن بىرلىكتە كىيىم مودىلى پىروگىراممىسىدا بىر سەھنىگە چىققان.


كاجول نېمىشقا ‹ئۈچ ئەخمەقنىڭ بوللىۋودنى ۋەيران قىلىشى › ناملىق فىلىمدە رول ئېلىشنى رەت قىلىدۇ؟


كاجول؛’‹ راج كۇمار ھارانى سىنارىيەنى ئېلىپ ئالدىمغا كەلگەندە ، مەن ئۇنىڭغا ،ئەگەر مەن فىلىمدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئوبرازنىڭ نىرى بولسام ‹يەنى ئامىرخان ئالغان رول ياكى باشقا ئىككى ئەخمەقنىڭ رولى›، قۇبۇل قىلاي دېسەم، راج كۇمار ناھايتى كۈلكىلىكتەك ھېس قىلدى، ئەمما مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلمىغان ئىدىم، ئاخىرىدا ئۇ مېنى ئىزدەپ بەرمەكچى بولغان رول كارىننا كاپورغا بېرىلدى، ئەمما بۇ رول مېنىڭ ھەممە ئاتۇرچىلىقىمنى ناميەن قىلالمايتى، رول ئېلىشقا قۇشۇلغان تەقدىردىمۇ ئۆزۈمنى خوشال ھېس قىلالمايتىم› دېگەن.
كىنو ئىشلەشتىن باشقا ، كاجول يەنەئىزچىل ئانا-بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك خەيرى ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. 2005-يىلى كاجول ۋە يولدىشى ئاجاي دېۋاگان، ھىزىرقى ھىندىستا كىنو ئاتىسى ئامىتاب باچچان رىياسەتچىلىك قىلغان تېلۋىزىيە پىروگىراممىسىدا پەيدا بولدى، ۋە ئون مىلىيون ھىندىستان روپىيەسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇلار بۇ مۇكاپات پۇلىنى چاننايدىكى بىر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش دوختۇرخانىسىغا ئىئانە قىلدى. ئۇ ھىندىستاندىكى بىر ناخشا ئېيتىش پىروگىراممىسىنىڭ باھالىغۇچىسى بولىۋاتىدۇ.


كاجول دېۋاگان مۇشۇ ئەسىردىكى داڭلىق ھىندىستان چولپىنى ، ئۇ ئۆز تەقدىرىنى ئەقلى ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ يېزىپكېلىۋاتىدۇ، ئۇ ھەرگىز رەزىل قالايمىقان ۋاستە ئىشلىتىپ باقمىغان. ئەيىپلەشكە ئۇچرىغاندا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماي، قەيسەرلىك بىلەن يۈلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.




كاجول دېۋاگان رول ئالغان فىلىملەرتۆۋەندىكىچە:


2012-يىلى : يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ئۇقۇغۇچى


2010-يىلى: بىز بىر ئائىلە كىشلىرى


2010-يىلى :ئائىلىدىكى قەرىمان


2010-يىلى : مېنىڭ ئىسمىم خان


2008-يىلى: خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ناملىق فىلىم نىڭ قىستۇرما ناخشىسىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.

 


2006-يىلى : مۇھەببەت ئۈچۈن ھالاك بۇلۇش


2006-يىلى: مەڭگۈ خوش دېمەيمىز


2003-يىلى: ئەتە بولسۇن بولمىسۇن


2001-يىلى: شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ


kuch khatti kuch me ethi 2001-يىلى:.


raju chacha.2001-يىلى


ho te ho te pyar ho gaya.1999-يىلى:


huma apke dil mein rehte ain.1999-يىلى


1998-يىلى‹ دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر ›


:pyaar to ho nahi tha1998-يىلى .


dushman.1998-يىلى:


1998-يىلى : قوشكېزەك


pyaar ki y at odar na kya.1998-يىلى:


ishq.1997-يىلى:


minsaara kanavu.1997-يىلى:


hamesha.1997-يىلى :


gupt the hidden truth.1996-يىلى:


1995-يىلى: كىلىن ئىزدەش


hulchul.1995-يىلى:


Taaqat.1995-يىلى:


1995-يىلى : كاران ئارجۈن


1994-يىلى : مۇھەببەت .ئۇيۇنى


1993-يىلى: مۇھەببەت ئالدامچىلىقى


bekhudi.1992-يىلى:



ھىندىستان كىنو ئېكرانىدىكى بىرجۈپلەر : شاھرۇلخان ۋە كاجول



شاھرۇلخان بىلەن كاجول ھازىرغىچە ھەمكارلىشىپ 6 كىنو ئىشلىگەن بۇلۇپ ، ئالتا فىلىمنىڭ ھەممىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. يەنى‹ كىلىن ئىزدەش › ‹دۈپۈلدەپ سوققان يۈرەكلەر ›‹ شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغانقايغۇ› ‹ مېنىڭ ئىسمىم خان› ‹مۇھەببەت ئالدامچىلىقى›‹ كاران ئارجۈن› قاتارلىق ئالتە فىلىم. بۇ كىنولارنىڭ ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتى تۆۋەندىكىچە:
‹مۇھەببەت ئالدامچىلىقى› 1993-يىلى ئىشلەنگەن . ئېنىق سانلىق مەلۇماتلىق ئىقتىسادى قىممىتى يوق
1995-يىلى ئىشلەنگەن‹كاران ئارجۈن › كىنو ئۆز قىممىتى: 866مىڭ ئامرىكا دوللىرى، ھىندىستاندىكى بېلەت سېتىلىش قىممىتى: 161مىلىيون 120مىڭ ئامرىكا دوللىرى، چەتئەلدە سېتىلغان ئۇمۇمىي بېلەت قىممىتى: 500مىڭ ئامرىكا دوللىرى.
1995-يىلى ئىشلەنگەن ‹كىلىن يۆتكەش› فىلىمنىڭ ئۆز قىممىتىلا 319مىليون 500مىڭ ئامرىكا دوللىرى، ھىندىستاندىكى بېلەت سېتىلىش باھاسىى 45مىليون 800مىڭ ئامرىكا دوللىرى، چەتئەلدىكى بېلەت سېتىلىش ئومومىي قىممىتى: 365مىليون 300مىڭ ئامرىكا دوللىرى ،
2011-يىلىدىكى ‹ شاتلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان قايغۇ›ناملىق فىلىم، فىلىمنىڭلا ئۆز قىممىتى 911مىلىيون ئامرىكا دوللىرى، ھىندىستاندىكى بېلەت سېتىش قىممىتى 168مىلىيون 800مىڭ ئامرىكا دوللىرى، چەتئەلدىكى بېلەت ستىش ئومۇمىي قىممىتى 800مىلىيون ئامرىكا دوللىرى، 2010-يىلىدىكى ‹مېنىڭ ئىسمىم خان › ناملىق فىلىم . فىلىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىىتى، 825مىليون دوللار ،ھىندىستاندىكى بېلەت سېتىلىش ئومۇمىي قىممىتى 402 مىلىيون دوللار ، چەتئەلدىكى بېلەت سېتىلىش ئومۇمىي قىممىتى 2مىلىيارد 173 مىڭ ئامرىكا دوللىرى،


كاجول مۇنداق دەيدۇ: مەن شاھرۇلخان بەك ھۆرمەت قىلىمەن، ئۇ بىر ئەلاچى ئادەم، ئۇ ماڭا نۇرغۇن ئادەم بۇلۇشتىكى ۋە ئارتىس بۇلۇشتىكى يوللارنى ئۆگەتتى ، ھازىر ئىلگىرى ئۇنىڭ ماڭا دېگەن سۆزلىرى ئەسلىسەم ، ھەممىسى توغا ئىكەنتۇق.
شاھرۇلخان مۇنداق دەيدۇ: مەنچە بىزنىڭ بىر بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىز باشقىلارغا بىرەر نەرسىنىئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس ،بىز ئەزەلدىن بىر بىرىمىزگە قەڭ ئېلان قىلىپ ، يېڭىشنىئويلاپ باقمىغان، بىز كىنودىكى ئالغان رولىمىزنىڭ ناھايتى مۇكەممەل بىر جۈپنىڭ رولى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ، ئەمما ئىككىمىز ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل مىجەز خارەكتىدىكى ئادەم، كاجول بەكلا قىزغىن، بەكلا گۈزەل ، ئامما مەن ئۇنىڭدەك مۇكەممەل ئەمەس ، مەن ئۇنىڭدەك تەبىي ئەمەس ، مەن بىر خىزمەت سارىڭى، مەن ئۇنىڭدەك ھېچقانداق شەرت قويماستىن بىر ئادەمنى ياخشى كۆرەلمەيمەن .


شاھرۇلخاننىڭ ئايالى گائۇرى مۇنداق دەيدۇ: كاجول قانداقچاغا ئۆيگە كېلىشىدىن قەتئىنەزەر ئوغلۇم ئارىيان بىلەن شاھرۇلخان بەكلا خوشال بوپ كېتىدۇ ، ئۇلار نىڭ دوسلىقى كىشىنى بەكلا ھەۋەسلەندۈرىدۇ ، مەن بۇ ئىككىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كىنو مەستانىسى.
مانا بۇيۇقىرقىلار بىز تۇنۇشتۇرۋاتقان ھىندىستان كىنوخانىشى كاجول دېۋاگاننىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپى نەتىجىللىرى .


(ھۆرمەتلىك تورداش سىز تېخىمۇ كۆپ داڭلىق چولپانلارنىڭ تۇلۇق تەرجىمھالىنى ئۇقۇپ ئۇلارنى چۈشىنىشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق لەگلەك تورىنىڭ مەشھۇر شەخىسلەر سەھىپىسىدىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇنىدا بولسۇن)

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



21-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek