خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 30-ئاپرېل بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم قەرزى بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئىقتىسادى كاساتلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۇكرائىنا ئىقتىسادى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىيىن ئەھۋالدا تۇرغاچقا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش خىزمىتى قاتتىق ئارقىدا قالدى، يەنە كېلىپ يېقىنقى بىر قانچە ئايدىكى سىياسىي داۋالغۇش تۈپەيلىدىن، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. ئۇكرائىنا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ھۆكۈمەت قەرزى ئەھدىدە تۇرماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېرەككەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved