بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى بىردنادىنو لەيئان 26-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپ قوزغىغان لىۋىيەنىڭ سىياسىي سۆزلىشىشى نۆۋەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، لىۋىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك .
ئۇ، لىۋىيەلىكلەرنىڭ بولۇپمۇ ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ سىياسى رەھبەرلىرىنىڭ ئىرادىگە كېلىپ ۋە ۋەدە بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداپ، خەلقنى توقۇنۇش ۋە داۋالغۇشنىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: لىۋىيەدە ھازىر 1 مىليون 900 مىڭ كىشى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج بولماقتا، بەنغازى قاتارلىق شەرقىي قسىىمدىكى رايونلاردا 1 مىليون 200 مىڭ كىشىگە يېمەكلىك يېتىشمەيۋاتىدۇ، لىۋىيەدە 435 مىڭ كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved