رەئىس شى جىنپىڭ دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى تورنىڭ سىمىت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى رايىس، ھىندىستان زۇڭلىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى دوۋار بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.


شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن تورنىڭ سىمىتنىڭ جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەر بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ، دانىيە ئالاقىدار ساھەلەردە ئۆزگىچە تەجرىبە ۋە تېخنىكا ئۈستۈلۈكىگە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە خادىم ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قوللاپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ئورنىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دانىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ۋە جۇڭگو بىلەن شىمالىي ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىدا باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تورنىڭ سىمىت مۇنداق دېدى: دانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا، يېڭى ئېنېرگىيە، سۇ بايلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ياۋروپانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 


شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرى ياردەمچىسى رايىس بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن رايىستىن زۇڭتۇڭ ئوباماغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ 11-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ھەمدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن، ئۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن. ھازىرقى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توقۇنۇشمايدىغان، قارشىلاشمايدىغان، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە غەلبە قىلدىغان يولدا داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

 


شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، سۈركىلىشنى ئازايتىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا بوشاشماي تىرىشىش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ كېلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. رايىس مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئوباما ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازرىقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. ھازىرقى ھەرخىل دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقى كام بولسا بولمايدۇ.

 

ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدۇ. زۇڭتۇڭ ئوباما بۇ يىل 11-ئايدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى كۈتمەكتە.


رەئىس شىجىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى دوۋار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7-ئايدا مەن زۇڭلى مودى بىلەن بىرازىلىيە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈشتۈم، مەن زۇڭلى مودى بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆزلەشتىم، بىز نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ دەپ ھېسابلايمىز. مەن يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، زۇڭلى مودى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىش پىلانلىرىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈتمەكتىمەن.

 


دوۋار زۇڭلى مودىنىڭ شى جىنپىڭغا ئەۋەتكە ئاغزاكى خېتىنى يەتكۈزدى. مودى ئاغزاكى خېتىدە مۇنداق دېدى: رەئىس شىجىنپىڭ پات ئارىدا ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى، دوستلۇقى ۋە ئىشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەزمۇن قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم نامايەندە بولىدۇ. دوۋار مۇنداق دېدى: ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە بۇنى كۈتىۋاتىدۇ. ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، زىيارەتنىڭ غەلبىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
11-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek