مالىيدا بىر رېستۇران ھۇجۇمغا ئۇچراپ 5 كىشى ئۆلدى

رېيتىر ئاگېنتلىقى 7-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مالىينىڭ پايتەختى باماكودىكى بىر رېستۇران قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 5 كىشى ئۆلدى. سەككىز كىشى يارىلاندى. بۇ ھۇجۇمدا مىلتىق ۋە قول بومبىسى ئىشلىتىلگەن.


مالىينىڭ پايتەختى باماكودىكى چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ياخشى كۆرىلىدىغان La Terrasse رېستۇرانىدا يېرىم كىچىدە يۈز بەرگەن  ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بىر فرانسىيەلىك ۋە ئىككى مالىي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ  رېستۇران ئەتراپىدا بىر بېلجىكىلىقنى ۋە ساقچى ماشىنا شوپۇرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.


ساقچى دائىرلىرىدىن فالايە كانتە، «نىقاب تاقىغان قۇراللىق ئىككى كىشىنىڭ بىرى La Terrasse رېستۇرانىغا كىرىپ ئوق چىقاردى، كېيىن يەنە بىر كىشى ساقلاپ تۇرغان ماشىنىغا چىقىپ كەتتى. مەزكۇر نوقتىدىن يىراقلاشقاندا ئۆيى ئالدىدا تۇرىۋاتقان بېلجىكىلىق بىر كىشىگە ئوق چىقاردى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. كېيىن بىر ساقچى ماشىنىسىغا قول بومبىسى تاشلاپ شوپۇرنى ئۆلتۈردى» دېدى.


ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قاچقانلىقى، بىراق ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ گۇمان قىلىنغان ئىككى كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.


ۋەقەگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاندى، بۇ ھۇجۇمنى «قورقۇنچلۇق» دەپ سۈپەتلىدى. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى فابىيۇس بولسا بۇ ھۇجۇمنىڭ «تېرورغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن» فرانسىيەنىڭ قارارىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى دېدى. 


مالىينىڭ شىمالى 2012-يىلى يانۋاردا ھۆكۈمەت كۈچلىرى ۋە ئىسيانچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلاردىن كېيىن قۇراللىق گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئىدى. بۇ تۇقۇنۇشلار يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان، مالىي ھۆكۈمىتى فرانسىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى.


فرانسىيە 2013-يىلى يانۋاردا مالىيغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى. فرانسىيەنىڭ مالىيدا ھازىرمۇ 3 مىڭ ئەسكىرى بار.


فرانسىيە يادرو ئىنىرگىيسى ئۈچۈن ئىھتىياجلىق بولغان ئۇران زاپىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا مالىينىڭ شىمالىدىى كىدا ۋىلايىتى ۋە قوشنا نىگىرىيەدە ئېرىشتى. فرانسىيە ئىشلىتىۋاتقان ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىنىڭ يۈدە 78% نى يادور ئېنىرگىيسىىدىن ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

 

مالى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە دۆلەتنىڭ شىمالىدا ئالتە قۇراللىق گۇرۇپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئىسيانچىلار ئىتتىپاقى بولسا كېلىشىم ھەققىدە ئويلىنىش ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت تەلەپ قىلغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى باش كاتىبى بان كىمۇن جۈمە كۈنى ئىسيانچىلار ئىتتىپاقىغا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.



08-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek