رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 26- نويابردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق ئورنىدىكى بىر ئۇزۇن قۇلاق ئەربانىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە نۆۋەتتە سۈرىيە خېمىنىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 10 دىن 12 گىچە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە بۇ ئارقىلىق سۈرىيەدىكى بارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قوغداش كاپالىتىگە ئېرىشتۈرمەكچى بولغان.
رۇسىيە سۈرىيە زۇڭتۇڭ ئەسەدىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ سۈرىيە چېگرىسىدىكى رادىكلا تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » گە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشنى باشلىدى، رۇسىيە بۇ ھاۋا ھۇجۇمىدا سۇ25 ھۇجۇمچى ئايروپىلان، سۇ-24M، سۇ-34 ئالدىنقى سەپ بومباردىمانچى ئايروپىلانى، سۇ-30SM قىرغۇچى ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئىشقا سالدى. 11- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ رۇسىيە ئىستراتېگيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان تۇ-160، تۇ -95MS ۋە تۇ-22MZ قاتارلىقلارنىمۇ بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتۇردى.
بۇ ئۇزۇن قۇلاق ئەرباب يەنە مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى « شام ئىسلام دۆلىتى » رادىكال ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خېمىنىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يەنە 10 دىن 21 گىچە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ھەر بىر سۇ24M ۋە سۇ-27M ئۇرۇش ئايرپىلانى سۇ-27SM ۋە 30SM بىلەن ماسلىشىپ جەڭ قىلىدۇ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved