سەئۇدى ئەرەبسىتان ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بەھرەين ۋە سۇدانلارمۇ كەينى-كەينىدىن ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى جايلاردا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نىمىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش دولقۇنى تېخىچە مەۋۇج ئۇرماقتا. ئۇنداقتا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى قايسى خىل يامان ئاقىۋەتنى كۈتىۋالىدۇ؟ سەئۇدى ئەرەبسىتان بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش قايسى درىجىگە بېرىپ يېتىدۇ؟ چوڭ دۆلەتلەر بۇنىڭغا قانداق پۇزىتىسىيە تۇتىدۇ؟
چيەنجياڭ كەچلىك گېزىتى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا سىياسى، ئىقتىسادى خەۋەرلەر شىنخۇا ئاگېنتلىقى تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن تيەنفەن چيەنجياڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكى چوقۇم تېخىمۇ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، ئەمما ئۇرۇش بولغىدەك دەرىجىدىكى قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، ئەمما بۇ چوقۇم ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇرۇش پارتلاش ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىسىز. سەئۇدى ئەرەبسىتانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى سەئۇدى ئەرەبسىتاندا كۈچلۈك تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشىشى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى تېز سۈرئەتتە ئاجىزلىتىپ، خەلقنىڭ پادىشاھنى قوللاش نىسبىتىمۇ چۈشۈپ كەتتى، شۇڭلاشقا سەئۇدى ئەرەبسىتان خەلقى ئۇرۇشنى قوبۇل قىلالمايدۇ.
ئىران تېخى پات يېقىندىلا ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى جازانى بېكار قىلىشىنى قولغا كەلتۈردى، ئىرانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاپ ئىقتىسادنى جاللاندۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت، شۇڭلاشقا ئىرانمۇ ئۇرۇشۇشنى خالىمايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved