بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى 3:30 مىنۇت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 2016-2015-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىنىڭ 15-ئايلانمىسىنىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن ۋىللارىئال كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە مادرىد كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بارسېلونا بىلەن بولغان نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىشتەك ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى ھۇجۇمچىسى، ھازىرقى ۋىللارىئال كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى سورداردو بىر توپ ئۇردى. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن رونالدو تۈۋرۈك سوقتى، بېنزىما ئىككى قېتىملىق پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بارسېلونادىن 5 نومۇر كەينىدە قالدى.بۇ ئىككى كوماندا يېقىندىن بۇيان تۇتۇشقان 9 مەيدان مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 6 مەيدان يېڭىپ 3 مەيدان تەڭلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 5 مەيدان مۇسابىقىنى مېھمان ھالەتتە ئويناپ 3 مەيدان يېڭىپ 2 مەيدان تەڭلەشكەن. ھازىرغا قەدەر 30 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ مادرىد كوماندىسى 19 قېتىم ئۇتۇپ، 9 قېتىم تەڭلىشىپ، 2 مەيدان ئۇتتۇرغان.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رامۇس، مارسېلو قاتارلىقلار ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ تۆت مىنۇت بولۇپلا باكەنبۇ سول تەرەپتىن پاس بەردى، دوست سانتوس تەپكەن توپ قاپقىنىڭ تۈۋرۈكىگە تەگدى.
مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىدا بۇلۇنو مودىرىچتىن توپ تارتىۋېلىپ ھۇجۇم تەشكىللىدى، باكەنبۇ پاس بەردى، سوردادو رامۇستىن بۇرۇن سىيرىلىپ تۇرۇپ توپ ئۇردى. بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغاندىن كىيىن مادرىد كوماندىسى ئاستا-ئاستا مۇسابىقىگە رىتىمىغا كىردى. رامۇسنىڭ كاللا توپى قېيىپ كەتتى، پېپېمۇ بىر نەچچە قېتىملىق توپنى ياخشى بىر تەرەپ قىلدى.
خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ لېكىن ئالدى مەيداندىكى توپ ئۇرغۇچىلار نەچچە قېتىملىق پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved