قوزغىتىش تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئاندروئىد يانفونلىرىنىڭ مەھسۇلاتى سەرخىل،ئىكرانى چوڭ،ئەڭ مۇھىمى باھاسى ئەرزان بۇ iPhone ئالما يانفونلىرىدا يوق ئارتۇقچىلىق.
ئالما بىلەن بولغان رىقابەتتە ،سامسۇڭ ئالما شىركىتىنىڭ سىتىش بۆلىمىدىكى بىر ھۆججەت ئۈستىدىن ئەرز قىلدى،ئاندروئىدنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە ئالما راستىنلا قورقۇشقا باشلىدى،ئۆزىنىڭ بازاردا رىقابەت كۈچىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى.
بۇ ھۆججەتتە ئالما شىركىتىنىڭ بىر سىتىش خادىمى ئاندروئىد رىقابەتچىلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق دىتالىنى ياخشىلىدى،قىسمەن ئەھۋالدا يەنە ئىكولوگىيلىك سىستىمىسى بار دىگەن.
ئوخشاشلا ئالمىنى خاتىرجەمسىز قىلغىنى شۇكى،ئاندروئىد بازارچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت بازارلىرىنى كىڭەيىتتى ،توشۇش يوللىرىدا زور مىقتاردا ئىقتىساد ‹سەرپ› قىلدى،يەنە كىلىپ،توشۇش سودىگەرلىرى ئالمىغا يۇقىرى باھادا ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەي قەستەن ئالمىنىڭ سىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى.قىزىقارلىقى شۇكى،بۇ ھۆججەتنى چىقارغان ئورۇن سامسۇڭ شىركىتى بولۇپ،ئالما شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن لېدىرى Phil Schiller بۇ ئىشقا پىسەنت قىلماستىن،بۇ ھۆججەت ھەرگىزمۇ ئالما شىركىتىنىڭ سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،كۆپ قىسىم خەۋىرى پەقەتلا ئوخشىمايدۇ دىدى.
ئەسلى iPhone 5C بازارغا چىقىشتىن بۇرۇن ،ئاساسەن ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئەرزانراق بولىشىنى ئۈمىد قىلغان،لىكىن ئالما شىركىتى پەقەت يول قويمىدى،كۇكى iPhone 5C نى تىخى ئوتتۇرا ئىقىمدىكى مەھسۇلات دىدى.
لىكىن نىمىلا بولمىسۇن،ئالما شىركىتى چوڭ ئىكران مەسىلىسىنى ئويلاشمىسا بولمايدىغان ۋاقىتقا كەلدى،
iPhone 6 بەلكىم 4.7دىيۇم،5.5 دىيۇم،5.7 دىيۇم بولىشى مۇمكىن،جوبىس مۇشۇ ئەھۋالدا قانداق ئويلاۋاتقاندۇ؟
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ---LEGLEK
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved