ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنتېرنېت تورى يىغىنى بۈگۈن ۋۇجېن بازىردا ئېچىلدى. لىيەنفاكې تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سەي مىڭجيىې يىغىندا نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى يانفونلار ئىچىدە 1/3 قىسىم يانفوننىڭ لىيەنفاكېنىڭ ئۆزىكىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. سەيمىڭجڭېنىڭ دېيىشىچە، تەيۋەندىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدىن كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە پۈتۈن دۇنيادىكى 10 چوڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ئىچىدە سامسۇڭ شىركىتىدىن باشقىلىرى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ماركىلىرى بولۇپ، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلار ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىۋېتىپتۇ.
يانفون كەسپىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ئەڭ يادرولۇق تېخنىكا بولۇپ، لىيەنفاكې ئۆزىنىڭ ئۆزەك تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ ساھەگە كىرىپ كەلگەن، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى 1/3 يانفوننىڭ ئۆزىكىنى لىيەنفاكې شىركىتى تەمىنلەيدىكەن. كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلۇق پۇرسىتى توغرىسىدا سەي مىڭجيېنىڭ تەكىتلىشىچە، يانفون كەسپىدىن قارىغاندا، ئىقتىدار يانفونلىرى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى دەل ئۆزەكنىڭ ئوخشىماسلىقىدا ئىكەن، كېينكى تەرەققىيات ئىستىقبالى بار كەسىپلەر بولسا ئېنتېرنېت تورى ئىكەن، ئەمما بۇ كەسىپمۇ داۋاملىق تۈردە ئۆزەك ۋە يۇمشاق دېتالغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. ئۆزەك ۋە يۇمشاق دېتال دەل لىيەنفاكېنىڭ تەمىنلەيدىغان مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved