بەيدۇ تور خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى خەيئىن مارىيان ،ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى ،ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭلىسى زۇمانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زۇڭلى لې كېچىياڭ شۇ يەر ۋاقتى 4-ماي چۈشتىن كېيىن ،ئېفىئوپىيگە يېتىپ كەلدى . ئېفىئوپىيە فېدراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش شتابىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى .زۇڭلى لې كېچىياڭ ۋە خانىمى چېنخۇڭ يېتىپ بارغاندا ،زۇڭلى خەيئىن مارىيان ۋە خانىمى كۈتۈۋېلىشقا چىقتى .زۇڭلى لې كېچىياڭنىڭ ھەمراھلىرىمۇ شۇ قېتىملىق مەخسۇس ئايروپىلاندا بىللە يېتىپ باردى .
جۇڭگونىڭ ئېفىئوپىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جې شىياۋيەنمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ،زۇڭلى خەيئىن مارىيان ئايرودرومدا زۇڭلى لې كېچىياڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كۆرەك مۇنبىرىگە چىقتى ۋە ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە ئېفىئوپىيىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى .كېيىن زۇڭلى لى كېچىياڭ ئېفىئوپىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ جۇڭگو بىلەن ئېفىئوپىيە نىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقى چوڭقۇر ،ئىكى تەرەپ سەممىي دوست بۇلۇش ،تەڭ مەنپەئەتلىنىش پرىنسىپى بويىچە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى .ئېفىئوپىيە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بەش شىتابىدا تۇرۇشلۇق جاي . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز راۋاجلاندى .خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتى .ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىىشپ ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىكى بايراق بۇلۇپ قالدى .
مەن ئېفىئوپىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە چوقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ ،جۇڭگونىڭ ئېفىئوپىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىت قىلىمەن ›. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن لى كېچىياڭ خەيئىن مارىيان بىلەن سۆھبەتلەشتى .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹سىز ئۆتكەن يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىڭىز ،ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان ئىدى ,جۇڭگو ئېفىئوپىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ،يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى ساقلاپ ،سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ ،ئۇل ئەسلىھە قۇرلىشى ،بايلىق ئېچىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېنىك سودا ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق دائىرسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ ،جۇڭگو ئېفىئوپىيىنىڭ ئىقتىسادىي رايون ۋە سانائەت رايونى قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ .ئېفىئوپىىيەنى تەجرىبىلىرىدىن ھەقسىز ۋە شەرتسىز بەھرىمەن قىلدۇرىدۇ ،ئېفىئوپىيەگە مۇۋاپىق ئېھتىياجدىن ئەۋزەل كەسىپ ۋە تېخنىكىلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ ،ئېفىئوپىيىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى بولغان تىجارەت سودا مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ .جۇڭگو ئېفىئوپىيە بىلەن بىرگە زور خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلەردە زىچ ئالاقىلىشىشى ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ ،.
خەيئىن مارىيان زۇڭلى لى كېچىياڭنىڭ ئېفىئوپىيەنى ئافرىقا زىيارتىىنىڭ باش بېكىتى قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدى ،ئۇ مۇنداق دېدى :‹ ئېفىئوپىيە جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بېرىۋاتقان سەمىمىي خالىس ياردىمىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ ،جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكى ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتېگىيىلىك پىلانىنى ئورتاق تۈزۈشنى خالايدۇ .تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېفىئوپىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ .ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ،جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ .
ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يەنە جۇڭگو ئېفىئوپىيە ئىقتىساد ،سانائەت ،تېخنىكا ئۇل -ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدى .كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىسى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى .لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ ھازىر جۇڭگو ئېفىئوپىيە ،جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتى توغرا يۆنىلىشتە تەرەققى قىلماقتا ،ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەتنى بىر -بىرىگە زىچ باغلانغان .ئىككى تەرەپ مىللىي ئازادلىق ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشىدا ئىزچىل ئۆزئارا قوللاپ باراۋەر مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ ،جۇڭگو ئافرىقىنىڭ دۇنيا ۋەزىيتىدىكى مۇھىم قۇتۇپقا ئايلىنىشنى قوللايدۇ .
ئىككى تەرەپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش مۇناسىۋىتىگە ئىگە .ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتسە تەڭ مەنپەتلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى تېزلىشىشكە پايدىلىق .ئىككى تەرەپ مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۈلگە بولىدۇ .جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قەدىمىي ۋە شانلىق ئەمەلىيەتكە ئىگە ،ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۈلگە بولسا ،دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق .جۇڭگو ئېفىئوپىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ،جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ جۇڭگو ئافرىقا ۋە دۇنياغا بەخت يارىتىشنى خالايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved