سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەنگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى، 22-ئاپرېل تېلىگراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەنگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىدىغانلىقىنى شۇ يەر ۋاقتى 21-ئاپرېل جاكارلىغان، ئامېرىكا ئاق ساراي كەينىدىنلا بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يەمەن رايونى كىرىزىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومېتىتىنىڭ باياناتچىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ يەمەنگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىش قارارىنى قوللايدۇ، دېدى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە يەمەننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى سىياسىي جەھەتتىن ياراشتۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ يەمەنگە قاراتقان تۆت ھەپتىلىك ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە يەمەندىكى خۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاللىقاچان يوقىتىلغانلىقىنى، كېيىنكى قەدەمدە يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسلىقى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يەمەننىڭ شىئە مەزھىپىدىكى خۇسەي قوراللىقلىرى بۇلتۇر 9-ئايدا سانائانى كونترول قىلىۋالغان، بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان يەمەن زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەتچى قىسمى بىلەن توقۇنۇشۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىگىۋالغان، كەينىدىن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى ۋە ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنى نەزەربەند قىلىۋالغان. كېيىن ھادى قېچىپ چىقىپ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئادېنغا بارغان، ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر 23-مارتتىن باشلاپ خۇسەي قوراللىقلىرىغا قارىتا « كەسكىن ھۇجۇم » ناملىق ھاۋا ھۇجۇمىنى قوزغىغان. 1-ئاپرېل ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ يەمەننىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۇتۈنلىكىنى قوللاپ، مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا دەرھال بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىپ، يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەردىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىختىلاپنى تىنچ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەمەندە بۇلتۇر 3-ئايدىن بۇ يىل 17-ئاپرېلغىچە يۈز بەرگەن داۋالغۇشتا 944 ئادەم قازا قىلغان، 3487 ئادەم يارىلانغان. نۇرغۇن ئادەم دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشقا ئامالسىز قالغانلىقىن ئۈچۈن قازا قىلغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن.



خەتكۈچلەر:
22-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek