ئىتۇت مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن خوتەن ۋىلايىتى ۋە ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللىرىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇرېھىم (سولدىن بىرىنچى كشى) مۇكاپات تارقاتتى.
‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ›› بويىچە شىنجاڭ دېھقانلار ئېتۇت مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر كۆرگەزمە ئويۇنى ۋە تەقدىرلەش مۇراسىمى 27-نويابىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئاي داۋاملاشقان ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ›› بويىچە شىنجاڭ دېھقانلار ئېتۇت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى .
تەقدىرلەش مۇراسىمىدا 14 ۋىلايەت ، ئوبلاستنىڭ 14 ئەسىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرىنچى ، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى . بۇنىڭ ئىچىدە 2 ئەسەر بىرىنچىلىككە ، 4 ئەسەر ئىككىنچىلىككە ، 8 ئەسەر ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى ، 16 ئەسەر مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېېرىشتى ، تەقدىرلەنگەن 30 ئەسەر جەمئىي 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئۇنىڭدىن باشقا ، قەشقەر ۋىلايىتى ، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق 6 ۋىلايەت ، ئوبلاست(شەھەر ) مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› بويىچە شىنجاڭ دېھقانلار ئېتۇت مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان . مۇسابىقە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› نى باش تېما قىلغان بولۇپ ، دېھقانلار سەھنىدە قىسقا ۋە سەرخىل ، ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك ، قىزىقارلىق تىللار ئارقىلىق باش تېمىنى يورۇتۇپ ، ئەمەلىيەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، قائىدە سۆزلەپ ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئەكسىيەتچىللىكىنى ۋە قەبىھ مەقسىتىنى ئېچىپ بەردى .
مۇسابىقە ئاۋغۇستتا باشلانغاندىن بۇيان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ ، جەمئىي 1500 ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقتى ، بۇ ئەسەرلەر دەسلەپكى مۇسابىقە ، رايونلار مۇسابىقىسىدىكى باھالاشلاردىن ئۆتۈپ ، ئاخىرى 30 ئەسەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى ، ئارتىسلىرى ھەممىسى يېزا-كەنتلەردىن كەلگەن بولۇپ ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە تۆت خىل تىلدا ئورۇنلاندى . مۇسابىقە جەريانىدا ھەر قايسى ناھىيە ( شەھەر)لەر مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېزا-بازار ، كوچا-مەھەللە ، كەنت ، مەكتەپ ، تۈرمە قاتارلىق ئورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ ، 3000 مەيداندىن ئارتۇق سەييارا ئويۇنغا تەشكىللىدى .
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved