جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
فىلىپپىن «سودا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى كېلەر ئايدا فىلىپپىن ئارمىيەسى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ھەربىي مانېۋىرىدىكى راست ئوقتا مەشىق قىلغاندا، HIMARS ماتورلۇق توپقا تۇتۇش سۇپىسىنى ئىشقا سالىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم فىلىپپىن بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا M142 يۇقىرى ماتورلۇق كاتيۇشا سىستېمىسى ياكى HIMARS نى ئىشلىتىشى بولۇپ قالىدۇ.
«مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار تېخى ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك HIMARSنى ئىشقا سالىدىغانلىقىغا ئائىت ماتېرىيال تاپشۇرۇۋالمىغان.
ئىگىلىنىشچە، «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ھەربىي مانېۋىرى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى فىلىپپىننىڭ ئوخشىمىغان ھەربىي ئەسلىھەلىرىدە باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. جەمئىي 3773 نەپەر فىلىپپىن ئەسكىرى ۋە 4904 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى قاتنىشىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved