بېتا تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
ئالما شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدەك مۇشۇنداق چوڭ سورۇندا «ئۆزى»نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىنتايىن ئاز تىلغا ئالىدۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئالما ئەكسىچە ئۇنتۇپ قالمىدى. نۇرغۇن ئالما پىنتوزىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالمىدىن «ياش»، چۈنكى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالما 40 ياشقا كىرىدۇ. 1976-يىلغا قايتساق، ستېۋ جوبس، ستىفېن ۋوزنياك ۋە دائىم ئەستىن چىقىپ قالىدىغان رونالد ۋاين قاتارلىقلار ھەمكارلىشىپ ئالما شىركىتىنى قۇرغان، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغىنى ستېۋ جوبس، ستىفېن ۋوزنياك ئىككىسى ئالمىنى ياراتقان، شۇنداقلا دۇنيا بازىرىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەتنى قۇرغان.
ئالمىنىڭ ئۆزىدىن پەخىرلەنگۈدەك كاپىتالى بار. بۇ 40 يىل جەريانىدا ئالما ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ Macintosh، iPod ،iPhone ۋە iPadقاتارلىقلار مەھسۇلاتلارنى ياراتتى. ئالما شىركىتى ئىلگىرى بىزگە «ئەسكەرتكەن»، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر مىليارد دانىدىن ئارتۇق ئالما ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. گەرچە سىز ھازىر ئالما شىركىتىدە ئەينى يىللىرىدىكى جوبسنىڭ قالتىس روھى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، تىم كۇك رەھبەرلىكىدىكى ئالما تېخىمۇ ئەمەلىي ئىش بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ، ئالما ۋاقىت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېيىنكى 40 يىلدا تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۈگۈن سەھەردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالما شىركىتى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ۋىدىيو چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭغا «40 سېكونتقا ئالمىنىڭ 40 يىلىنى يىغىنچاقلاش» دەپ نام بەرگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved