3-ئاينىڭ13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئىككىنچى چوڭ يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، چوڭ يىغىن يېپىلغاندىن كىيىن گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كې چىياڭ خەلىق قۇرۇلتىيى چوڭ يىغىن زالىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا جۇڭگۇ ۋە چەتئەللىك مۇخبېرلارنىڭ سورېغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا جۇڭگۇلۇق مۇخبىرلار جۇڭگۇ ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى ۋە ھوقۇقنى زادى قانچىلىك دەرىجىدە، قانچىلىك چوڭ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىدەك ھالقىلىق خەلىق ۋە چەتئەللەر ئومۇمىيۈزلۈك دىققەت بىلەن قارىغان ئەھۋاللارنى سورېدى، زۇڭلى لى كې چىياڭ بۇ مەسىللەرگە ناھايىتى ئەتراپلىق،ئىنىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاپ بەردى ھەتتا زۇڭلى سوئال سورىغان جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبېرلارغا مەن جۇڭگۇدىكى چەتئەللىك مۇخبېرلارغا ھەقىقەتەن بەك قايىل سىلەرنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەرىڭلار ھەقىقەتەن يۇقىرى دەپ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوللىدى بۇنىڭ بىلەن يىغىن زالىدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ چىرايىدا تەمكىنلىك ۋە ئەركىن-ئازادىلىك ھىسياتى ئىپادىلىنىپ تۇردى.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
زۇڭلى لى كې چىياڭ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلمەكتە
زۇڭلى لى كې چىياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمەكتە
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved