جاڭ چۈنشيەن خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 10 – نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى چېن فېڭ بىلەن كۆرۈشتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلانى 28 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ قاتنىغان، چېن فېڭ بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزغا ئاساسلىقى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، چۈشىنىپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىكى ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
بۇ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ 40 مىليارد دوللار مەبلەغ چىقىرىپ يىپەك يولى فوندى قۇرۇشنى جاكارلىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يىراقنى كۆزلەپ، ئاۋۋال ھەرىكەتلىنىپ، ھەمكارلىشىدىغان مۇۋاپىق ھەمراھنى تېپىپ، تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت چوڭ ئورۇن خاراكتېرىدە رايون خاراكتېرلىك مۇھىم ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى جەھەتتە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىنى، ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت، مېھمانساراي، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن فېڭ مۇنداق دېدى: خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.
شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇرۇھىنىڭ بەش چوڭ كەسىپ ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى يۇقىرى پەللىدىن، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇھىم ئاۋىياتسىيە شىركىتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھاۋا يولى تۈگۈنى قىلىپ قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ.
يىغىنغا نۇر بەكرى، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ۋەن خەيچۈەن، خەينەن ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى گۈەن لېي قاتارلىقلار قاتناشتى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved