ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 31-ماي «ۋەتەنپەرۋەرلەر قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىيالمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېلېفون خاتىرىسىنى نازارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ نازارەت قىلىش تۈرى 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىشتىن توختىدى.
2013-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، سىنودىن تاراتقۇلار ئارقىلىق پىرېزما قاتارلىق تور ۋە تېلېفوننى نازارەت قىلىش تۈرلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى بەزى خەلق ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تېلېفوننى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تۈرى پۇقرالارنىڭ شەخسىي مەخپىيىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدۇ دەپ تەنقىد قىلدى ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنى سوتقا ئەرز قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved