ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىۋۇ، ئۈرۈمچى ۋە ياۋروپا تۆمۈر يولى خەلقئارا يۈك ترانسىپورت پويىزى 9-دېكابىر ئىسپانىيەنىڭ مادرېدقا يېتىپ بېرىپ، جۇڭگو، ياۋروپا سودا ترانسىپورت تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ۋوگزالغا چىققان ئىسپانىيەنىڭ تەرەققىيات ۋەزىرى ئەننا پاستور مۇنداق دېدى: بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىشى تۆمۈر يول كەسپىدىكى بىر چوڭ تارىخى نامايەندە. يىۋۇ، ئۈرۈمچى ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا پويىزى 18-نويابىر جۇڭگونىڭ يىۋۇدىن يولغا چىققان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، پولشا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ئارقىلىق 21 كۈن يول يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى بېكەت ئىسپانىيەنىڭ مادرېدقا يېتىپ باردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved