ئېبولا يوقۇملۇقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دېققىتىنى تارتتى

ئىېبولا يۇقۇملۇقى ئافرىقا رايونىدا پارتلىغاندىن كىيىن، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يېقىندا ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئېبولا يۇقۇمىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن، بۇ يوقۇم تارقالغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرا ئېغىرىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئېبولا يۇقۇملۇقى يامراپ چېگرىدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىنگال ۋە چات قاتارلىق غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرىنى تاقىدى.
سىنگال 21-ئاۋغۇست ئېبولا يوقۇمى تارقالغان گۋىنىيە بىلەن بولغان چېگراسىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سىنگال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئېبورا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئاممىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىنگال قوشنا دۆلىتى گۋىنىيە بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق چېگراسىنى تاقاشنى قارار قىلدى.


بۇ يىل 3-ئايدا. سىنگالمۇ گۋىنىيە، سىرىلانكا ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ سىنگالغا كېرىشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلدى، سىنگال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېبولا يۇقۇمىنىڭ سىنگال تەۋەسىگە كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چادمۇ نىگېرىيە بىلەن بولغان چېگراسىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى. چاد زۇڭلىسى دىبى مۇنداق دېدى: بۇ قارار مەزكۇر رايون ئىقتىسادىغا زەربە بولىدۇ، بىراق ئاممىۋى سەھىيە ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۇنداق قىلماي بولمايدۇ.


نىگېرىيەدە ھازىرغا قەدەر ئېبولا يوقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن 15 كىشى بايقىلىپ، ئىبورا كېسەللىكى پارتلىغان غەربىي ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەت ئىچىدە بۇ خىلدىكى كېسەللىك ئەڭ ئاز تارالغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلاندى.


ئۇندىن باشقا، جەنۇبىي ئافرىقىمۇ گۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سىنگالدىن كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كىرىشىنى مەنئى قىلدى.

 

بۇندىن ئىلگىرى، كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇملۇقى پارتلىغان رايونغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇملۇق پارتلىغان دۆلەتلەرگە زۆرۈر بولمىسا بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇندىن ئىلگىرى، كېسەللىك يوقۇمى ئەھۋالى پارتلىغان دۆلەتلەرنى يىتىم قىلدۇرۇش، ئۇلارنى ئاشلىق ۋە ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى گۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سىنگالدىن ئىبارەت بۇ ئۇچ دۆلەتتە ئاشلىق كرىزىسىنىڭ پارتلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،1 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى 22- ئاۋغۇست، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى ھەپتە ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئوتتۇرغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


بۇ باياناتچى شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەرلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىبورا يوقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ،ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بىر كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ پىلان كېيىنكى ھەپتىنىڭ باشلىرى ئوتتۇرغا قويۇلۇشى مۇمكىن.


بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: يېقىندا بۇ بىر قانچە دۆلەت ئېبولا كېسەللىكى تارالغان رايونىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە كېرىشنى مەنئى قىلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا خەلقئارا ساياھەت ياكى سودىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، چۈنكى چېگرىنى تاقاش رول ئوينىيالماي قالماستىن، بەلكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىپ، يوقۇم تارالغان دۆلەتلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىگە ئىتتىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىبورا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى ئېبولا كېسەللىكى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى نابارو شۇ كۈنى لىبرىيەدە بۇ دۆلەتنىڭ سەھىيە ئەمەلدارى قاتارلىقلار بىلەن ئېبولا كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ھەمدە لىبىرىيەنىڭ پايتەختى مونروۋىيادىكى بىر دوختۇرخانىنى كۆزدىن كەچۈردى.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئېبولا يوقۇمى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2615 كىشى بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمانىي دىئاگنوز قۇيۇلغان، 1427 كىشى قازا قىلغان



خەتكۈچلەر:
25-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek