خېنىسنىڭ بايرىن كۇلۇبىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلغان شەخسىي باياناتى.
مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن،ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقاردىم. مەن سوتنىڭ ماڭا چىقارغان ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىمەن، بۇ مېنىڭ باجدىن قاچقان جىنايىتىمنىڭ تېگىشلىك جازاسى. مەن مېنىڭ ئادۇۋكاتىمغا ئېنىق قىلىپ ئۆزۈمنىڭ يۇقىرىغا شىكايەت ئەرىزى سۇنمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بۇ مېنىڭ ئادالەت، پوزىتسىيە ھەم غورۇرغا بولغان چۈشىنىشىم.باجدىن قېچىش مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم، شۇڭا مەن مۇشۇ خاتالىقىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرىشىم كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە بايرىن كۇلۇبىنىڭ رەئىسلىك خىزمىتى ھەمدە مېنىڭ بايرىن كۇلۇبىدىكى ئۆتەۋاتقان بارلىق خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىمەن.مەن ئۆزۈم ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ كۇلۇپقا ناچار تەسىر يەتكۈزىشىنى خالىمايمەن، بايرىن بولسا مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ، ھەم بايرىنمۇ چوقۇم مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، پەقەت مەن ھايات بولساملا چوقۇم ئىزچىل بۇ كولۇپقا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن، خۇددى باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش…
مېنىڭ دوستلىرىم، يەنە بايرىن كۇلۇبىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ، سىلەرنىڭ مېنى قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved