تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىگە بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەمدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا تۇرغان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەردىكى ئاساسلىق تاراتقۇدا «جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتى بۈركۈتتەك قانات قاقسۇن» دىگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سالقىن كۈز پەسلىدە ياخشى قوشنا، ياخشى قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن ۋە بۇنىڭغا ناھايىتى ئىنتىزار بولدۇم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا پەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدىغا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2013-يىلى 5-ئايدا، زۇڭتۇڭ راخمان جۇڭگودا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. زۇڭتۇڭ راخمان ئىككىمىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردۈق. جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشتەك تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىتى. بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو ئەتراپقا سالىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىدۇكى، ئازايتمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئازايماستىن تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. تاجىكىستان جۇڭگونىڭ مۇھىم قوشنىسى، جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاجىكىستاننى جۇڭگونىڭ غەرىپكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى، دەپ قارايدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيىلىك تەڭشەش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەگە قاراپ ھالقىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش، تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت 3چوڭ جىددىي ۋەزىپىسى بار. تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش، تېخىمۇ زىچ مەنپەئەت بىرلەشمىسى ئارقىلىق، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دەھدىت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ۋە ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. جۇڭگو باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved