11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تارىم نېفىتلىكى 25 يىلدىن بۇيان سىرتقا ساتقان نېفىتى 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى؛ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،تارىم نېفىتلىكى تۇرۇبا يوللىرىنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،نېفىتنى يىللىق ئايلىق سىرتقا سېتىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىز يۆتكەپ ئوبوروت سۈرئىتىنى تىزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن توشۇشنىڭ باراۋەر ھەرىكەتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ھازىر تارىم نېفىتلىكىگە قاراشلىق ئالتە سىرتقا سېتىش نۇقتىسىنىڭ خىزمىتى نورمال بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. خام نېفىت سېتىشتا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مەركەز،لەنجۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، مايتاغ نېفىت خىمىيە زاۋۇتى، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە زاۋۇتى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان چوڭ قېلىپ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved