جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە چاۋشيەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 29-ئاۋغۇست چاۋشيەننىڭ پيوۋياڭ خەلق مەدەنىيەت سارىيىدا بىرلىكتە 1-نۆۋەتلىك ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى بۇرمىلاش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىستزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
چاۋشيەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى بۇرمىلاش قىلمىشىنى ئەيىبلىيەلەيدىغان، ياپونىيىنى تارىخنى ئېنىق تونۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ئالىملارنىڭ ئالاقە ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، مۇزاكىرە يىغىنىنى ياپونىيىنىڭ سىياسىيدا ئوڭچىللىشىش، مىلىتارىزملىشىشىنى توسىدىغان، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم پۇرسەتكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved