«ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىكى تۇنجى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتنى تۇغۇشىغا قارشى تۇرغان، ئەمما خەنكۇدىكى 33 ياشلىق ۋاڭ خانىمنىڭ قىزىنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولۇپ، ۋاڭ خانىمنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى دەل شۇ قىزىنىڭ تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۆتۈنۈشى بىلەن دۇنياغا كەلگەن ئىكەن.
ۋاڭ خانىمنىڭ قىزى يەتتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى تۇغقاندا، ياردەملىشىپ قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئامالسىزلىقتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، قىزىنى بېقىپ ئۈچ ياشقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن قايتىدىن خىزمەت قىلغان.
ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا، ۋاڭ خانىم ئۆزىنىڭ تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ كىرىمى يۇقىرى بولمىغاچقا، ئىككىنچى بالىنى تۇغقاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك بېسملارنى ئويلاپ، ئىككەيلەن مەسلىھەتلىشىپ تۇغماسلىقنى قارار قىلغان.
كۈتۈلمىگەندە، ۋاڭ خانىم دەل يولدىشى بىلەن بالىنى ئالدۇرىۋېتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان قىزى ئۈندىمەستىن ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ، ئانىسىدىن ئىككىنچى بالىنى تۇغۇشىنى ئۆتۈنگەن.
«ئەمىلىيەتتە، مەن بۇرۇنلا ئانامنىڭ ماڭا يەنە بىر ئىنى ياكى سىڭىل تۇغۇپ بېرىپ، ماڭا ھەمرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئۆيدە مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان، بىللە ئوينايدىغان ئادەم بولمىغاچ بەكلا يالغۇزلۇق ھېس قىلىمەن... » ۋاڭ خانىم قىزىنىڭ تىزلانغان ھالدا دېگەن بۇ سۆزلىرىنى تەكرارلاپ، بەكلا تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، قىزىم بىرتەرەپتىن سۆزلەپ بىرتەرەپتىن ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ:«ئەگەر قوشۇلمىسىڭىز مەن ئورنۇمدىن تۇرمايمەن».
قىزىنىڭ بۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن يالۋۇرۇشىغا قاراپ، ۋاڭ خانىم بىلەن يولدىشى داڭقېتىپ قالغان. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئىككەيلەن ئاخىرى بالىنى تۇغۇشنى قارار قىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە، ۋاڭ خانىم خەنكۇ دوختۇرخانىسىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا يەتتە جىڭ ئېغىرلىقتىكى بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەن، نۆۋەتتە ئانا-بالا ئىككەيلەن ساق-سالامەت ئىكەن.
ۋاڭ خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھازىر قىزى يېڭى تۇغۇلغان ئىنىسىگە بەكلا كۆيۈنىدىكەن، ئۇ ھەتتا، بۇندىن كېيىن ئىنىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە ۋەدە بەرگەن. ۋاڭ خانىم، گەرچە كۆز ئالدىمىزدا ئاز-تولا قىيىنچىلىق بار بولسىمۇ، ئىككى پەرزەنتىمگە قاراپ ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن، قىزىمنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۆتۈنۈپ، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە ناھايىتى مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن دېدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved