كورىيە تاراتقۇلىرى: كىم جۇڭ ئېن مەملىكەت بويىچە قارا گورۇھلارغا زەربە بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كورىيە مەركىزى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن ئەمگەكچىلەر پارتىسىنىنىڭ بىرىنچى قول رەئىسى كىم جۇڭ ئېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر تۇتاش قارا جەمئىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان.

چاۋشىيەن ئىچكى ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بىرسىنىڭ 27 – چىسلا ئاشكارلىشىچە:" يېقىندىن بىرى چاۋشىيەن قارا جەمئىيەتلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى خۇددى كىنولاردىكىدەك ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. قارا جەمئىيەتلەر ئارا توختىماستىن توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرغان. قارا كۈچلەرنىڭ تىجارەتچىلەرنى قورقۇتۇپ خالىغانچە قوغداش ھەققى يىغىدىغان، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىلەن قانۇنسىز بىرلىشىپ پاھىشە سودىسى قىلىدىغان، ھەتتا زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان قەبىھ قىلمىشلىرى ھەممە يەردە يامراپ كەتكەن".


ئۇ كىشىنىڭ دىيىشىچە:"نۇرغۇن ئادەملەر كىچىك ۋاقىتلىرىدا قارا جەمئىيەتلەر تەسۋىرلىنىدىغان چاۋشىيەن كىنولىرىنى تولا كۆرۈپ، شۇلارغا قوشۇلۇش ئىستىكى پەيدا بولغان. ئۇلار پۈتۈنلەي كىنولارغا تەقلىدى ھالدا قارا جەمئىيەت تەشكىللىگەن. كاتتا بېشى، پىلانلىغۇچىسى، ھەرىكەت باشلىقى قاتارلىق بىر تۇتاش رەھبەرلىك قاتلىمى بولغان .

ئىگەللىنىشىچە، چاۋشىيەندە مەخسۇس قارا جەمئىيەت ئەزالىرىغا قارىغا ئېلىش، ئىلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدىغان خۇسۇسىي تىجارەتچىلەر بار ئىكەن. چوڭ شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، نەچچە ئونلىغان قەبىھ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت ئىكەن.


ئۇ كىشىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە: بۇ يىل يىل بېشىدا تۆت – بەش يۈزدەك قارا جەمئىيەت ئەزاسى بىر يەرگە توپلىشىپ، پىچاق، كالتەك، گۈرجەك، قوش كالتەك قاتارلىق قوراللار بىلەن ئەسەبىيلەرچە ئۇرۇشقان. كىم جۇڭ ئىن تەخىتكە چىققاندىن كىيىن قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، قارا جەمئىيەت كاتتاباشلىرىغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر قىسىم قارا جەمئىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك تارمار قىلغان. بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى قارا جەمئىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بىرى نەچچە ئون توننا زەھەرلىك چىكىملىكنى مۇسادىرە قىلغان. ئەسلى قارا كۈچلەر بۇ زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى چەتئەللەرگە سېتىپ چىقىرىپ، مەبلەخ توپلىماقچى بولۇشقان ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
31-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
12-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ پارتىيە ئىچىدە نامزاتلىققا ئېرىشىپ ھەمد...
12-05-2016
   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازا سىرتقى مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.    ...
12-05-2016
     دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىئوسەيېر 9-ماي: ئاز دېگەندىمۇ 110 دۆلەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇشۇ ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغا...
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
Powered by Leglek