سۇ بايلىقىنى تېجەپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى

2015 – يىللىق ‹‹دۇنيا سۇ كۈنى›› ۋە ‹‹جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى››نى خاتىرىلەيمىز

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن تەن شىنۋېن


ئىللىق باھار پۈتكۈل كائىناتنى ئويغاتقان مارت ئېيىدا، بىز 23 – نۆۋەتلىك ‹‹دۇنيا سۇ كۈنى›› ۋە 28 – نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى››نى كۈتۈۋالدۇق. ب د ت نىڭ بۇ يىللىق تەشۋىقات باش تېمىسى ‹‹سۇ ۋە سىجىل تەرەققىيات››، دۆلىتىمىز بېكىتكەن تەشۋىقات باش تېمىسى ‹‹سۇ بايلىقىنى تېجەپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى››. پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى جەمئىيەتتە سۇنى قەدىرلەش، سۇ تېجەش، سۇنى قوغداش ئېڭىنى قوزغاش، سۇنى تىزگىنلەش، قوغداش، قەدىرلەش تونۇشى ۋە پائالىيەتكە قاتنىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
بىرىنچى، سۇنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك
‹‹سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم ئامىلى، ئېكولوگىيەنىڭ ئاساسى››، بۇ 2011 – يىلى مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، سۇنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەرىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
سۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم ئامىلى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان ئۇل تايانچى. سۇ دېھقانچىلىقنىڭ جېنى. ‹‹ھوسۇل ئېلىش – ئالالماسلىق سۇغا، ھوسۇلنىڭ مول ياكى ئاز بولۇشى ئوغۇتقا باغلىق›› دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان. سۇ سانائەتنىڭ جان تومۇرى. زاۋۇتلار سۇ ئارقىلىقلا نورمال ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ساقلىيالايدۇ.
سۇ ئېكولوگىيەنىڭ ئاساسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان كاپالەت سىستېمىسى. سۇ بولمىسا، كۆللەر قۇرۇپ، دەريالار ئۈزۈلۈپ، سۇلۇق يەرلەر يوقاپ، جانلىقلارنىڭ خىلمۇخىللىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى كىروران ۋە ئۇدۇن قاتارلىق قەدىمكى بوستانلىقلارنىڭ يوقاپ كېتىشى دەريا ھەۋزىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئىككىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى
ئاپتونوم رايونىمىز تىپىك قۇرۇقلۇق قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە بولۇپ، ھۆل – يېغىن مىقدارى ئاز، سۇنىڭ پارلىنىشى ئېغىر. ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 155 مىللىمېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 83 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئۈستى سۈيى 78 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئاستى سۈيى 43 مىليارد كۇب مېتىر. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە سۇ مىقدارى 4000 كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە سۇ مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ لېكىن بىرلىك كۆلەمدىكى سۇ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ھەر كىۋادرات كىلومېتىر يەرنىڭ ئاران 53 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى ئاز، كىشى بېشىغا ئىگىلەش مىقدارى كۆپ، ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان يەر نىسبەتەن ئاز بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
(1) ھازىرقى سۇ ئىشلىتىش مىقدارى سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتتى
2013 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلگەن سۇ ئومۇمىي مىقدارى 58 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەڭ چىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى 2020 – يىلى 51 مىليارد 597 مىليون كۇب مېتىر ۋە 2030 – يىلىدا 52 مىليارد 674 مىليون كۇب مېتىر سۇ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 7 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر ۋە 6 مىليارد 140 مىليون كۇب مېتىر ئېشىپ كەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر يېڭىچە سانائەتلىشىشكە ئۆزگىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم پەيت، سۇ بايلىقىنى زىيادە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن زىيادە پايدىلىنىش، بولۇپمۇ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋېتىش يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياج كاپالىتىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويىدۇ.
(2) يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئېشىشى تېز، ئىگىلىگەن كۆلىمى زور، ئۈنۈمى تۆۋەن
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇغىرىلىدىغان يەر كۆلىمى سىجىل ئېشىپ، 1949 – يىلىدىكى 18 مىليون مودىن 2012 – يىلى 92 مىليون 660 مىڭ موغا كۆپەيدى، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىمۇ 1949 – يىلىدىكى 16 مىليارد كۇب مېتىردىن 2012 – يىلىدىكى 55 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى ئومۇمىي ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، ئىگىلەش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. يېزا ئىگىلىكى قوشۇلما قىممىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلەپ، 1995 – يىلىدىكى%31.5 تىن 2012 – يىلى%17.5كە چۈشۈپ قالدى. ھازىر يالغۇز يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ قوشۇلما قىممەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئارانلا 2.55 يۈەن.
(3) سۇ بايلىقىنى زىيادە ئېچىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن زىيادە ئېچىش ۋە زىيادە پايدىلىنىش ھالىتىدە بولۇپ، نۆۋەتتىكى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دەرىجىسى %70تىن ئېشىپ كەتتى، ئېكولوگىيە مۇھىتىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ زور دەرىجىدە ئىگىلىۋېلىنىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ھازىر، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى تاغ باغرى، تۇرپان – قۇمۇل ئويمانلىقى، تارباغاتاي – دۆربېلجىن ئويمانلىقى، قاراشەھەر ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە ئېچىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يىللىق ئوتتۇرىچە زىيادە ئېچىش مىقدارى 2 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي زىيادە ئېچىش مىقدارى تەخمىنەن 20 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەخمىنەن %48 رايون قۇملۇق، چۆللۈك، باياۋان بولۇپ، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئېغىر، ھۆل – يېغىن ئاز، سۇ بايلىقى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تولىمۇ ئاجىز، سۇن بوستانلىق ۋە تەبىئىي بوستانلىقنىڭ سۇ تالىشىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتىدۇ.
(4) سۇ بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى يەنىلا ئاجىز
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، مېخانىزم ئىسلاھاتى جەھەتلەردە روشەن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن سۇ باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس، ھەۋز ۋە رايونلار، ئوخشىمىغان تارماقلار ئارىسىدىكى سۇ باشقۇرۇش يەنىلا ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتە، ھەۋز باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىشى قىيىن بولۇۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى سۇ تەمىنلەش تەننەرخىنىڭ %30ىگىمۇ يەتمەيدۇ، سۇ بايلىقىنىڭ كەمچىللىكى ۋە تاۋارلىق قىممىتى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلمەيۋاتىدۇ.
(5) سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئەندىزىسى تېخى تولۇق ئورنىتىلمىدى
ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قۇرۇلمىسىغا ماس كەلمەيدۇ. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەخمىنەن %60 ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى، %24 نوپۇسى مەركەزلەشكەن، لېكىن سۇ بايلىقى ئارانلا % 7.4 نى ئىگىلەيدۇ. تۇرپان – قۇمۇل ئويمانلىقى ۋە شەرقىي جۇڭغار رايونلىرىدا نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلار مول، لېكىن سۇ مەنبەسى ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، سۇ ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدۇ. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى ھەۋز ئۇدۇل ئېقىن مىقدارىنىڭ %11.5 ىنى ئىگىلەيدۇ، نۇرغۇن ئېقىنلاردا تىزگىنلەش تىپىدىكى قۇرۇلۇشلار كەمچىل. دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تايانچ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتىدۇ. لېكىن سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان بۇرچىن دەرياسى غەربنىڭ سۈيىنى شەرققە باشلاش بىرىنچى قارار قۇرۇلۇشى، ئىبنۇر كۆلى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، ئاراتاش، قارابەل، جىن قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تېخى پۈتمىگەچكە، چوڭ – چوڭ سۇ بايلىقى تەقسىماتى قۇرۇلۇشلىرى ۋە تاغلىق رايونلاردىكى تىزگىنلەش خاراكتېرىدىكى سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلۇشلىرى ئىنتايىن تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى، سۇ بايلىقىنى تېجەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ باش نىشانى. سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئىلگىرىلەش پىرىنسىپىغا بويسۇنۇپ، ئىلمىي چارىلەرنى قوللىنىپ، تۈرلەر، قاتلاملار بويىچە مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش››تىن ئىبارەت سۇ تۈزەش تەپەككۇرى ئېلىمىزنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. شۇجى جاڭ چۈنشيەن پارتكومنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ‹‹سۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جان تومۇرى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، تەرەققىيات بوشلۇقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ›› دېدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دەۋردىكى سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش يېڭى تەپەككۇرىنىڭ ئىدىيە جەۋھىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، ‹‹سۇچىلىق گۈللەنسە، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك، مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، ئەڭ چىڭ سۇ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇنى يىرىك ئىشلىتىشتىن تېجەپ ئىشلىتىشكە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ ئىشلىتىشكە، سۇ تەمىنلەشنى باشقۇرۇشنى سۇ ئېھتىياجىنى باشقۇرۇشقا، دائىرىلىك تۈزەشنى سىستېمىلىق تۈزەشكە ئۆزگەرتىپ، سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىپ، ئادەم بىلەن سۇنىڭ ماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭچە سۇچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىنى تېپىشىمىز كېرەك.
(1) سۇ تېجەشچان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش سۇ بايلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تېمىۋاتقان سۇنى يىغقاندا، بىر سائەتتە .6 3 لىتىر، بىر ئايدا .6 2 كۇب مېتىر سۇ يىغقىلى بولىدىكەن. بۇ بىر ئادەمنىڭ بىر ئايلىق تۇرمۇش ئېھتىياجىغا يېتىدىكەن.
سۇ تېجەش تېخنىكا مەسىلىسىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، سۇ تېجەش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىغىنى مەدەنىيەت، ئەخلاق، ئىجتىمائىي كەيپىيات، مەدەنىي ئادەت ۋە دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىدۇر. ئېلىمىزنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، ئالدى بىلەن سۇ تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كەسپىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ تېجەشچان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بايلىقلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ تېجەشچان يېزا ئىگىلىكى، سۇ تېجەشچان سانائەت ۋە سۇ تېجەشچان مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سۇ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. سۇنى پىلاندىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە سۇ تېجەش تەدبىرى قوللانماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا جۇغلاپ باھا قوشۇش تۈزۈمى ۋە سۇ ئىشلىتىشنى چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.
(2) سۇ تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى زورايتىش كېرەك
مەركەزنىڭ ئىقتىساد يىغىنى، مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مەركەز مەبلىغىنىڭ سۇ تېجەش، سۇ تەمىنلەشتىكى نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلدى. مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ‹‹ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك›› دېيىلدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتقان پۇرسىتىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاۋاتقان ئالاھىدە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى قەتئىي بوشاشماي تۈگىتىپ، ئاساس سېلىپ، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈپ، ھاياتلىقنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. تارىم دەرياسى قاتارلىق نۇقتىلىق دەريا ھەۋزلىرىنى ئېچىش، تۈزەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش مۇھىم قۇرۇلۇش سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ ئاراتاش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم تاغلىق رايوندىكى تىزگىنلەش خاراكتېرىدىكى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، سۇ تەمىنلەش كاپالىتى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشىمىز؛ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنى ئازايتىش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ سۇچىلىق ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. سۇچىلىق مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ، شېرىكلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا جەلپ قىلىپ، سۇچىلىق مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ – چوڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا سۇ ھوقۇقى مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈشنى پائال يولغا قويۇشىمىز كېرەك.
(3) ئەڭ چىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 2015 – يىل 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي يولغا قويۇش پىكرى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دەپ ئېلىندى)، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتۈپ، يېقىندا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ. ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› دە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ ‹‹دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى›› نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سۇچىلىق ئىسلاھاتى تورى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
بىرىنچى، دەريا ھەۋزىسىنىڭ سۇ بايلىقىغا بولغان باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. دەريا ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش بىلەن رايون باشقۇرۇشىنى بىرلەشتۈرۈش، رايون باشقۇرۇش دەريا ھەۋزىسىنى باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش يېڭى تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، رايون سۇ بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرلەشمە تەرەققىياتى ۋە سۇ بايلىقى تەقسىماتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، رايون ۋە تۈزۈلمە ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايون سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھىيە(شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاتلامدىكى زور سۇ مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرىدىغان رايون سۇ بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، ئەڭ چىڭ بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ سۇ ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ چىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى باھالاش چارىسى›› نى چىقىرىپ، ئەڭ چىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق›› تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى ۋىلايەت، ئوبلاست (بىڭتۇەننىڭ شى)، ناھىيە شەھەر(تۇەن مەيدانى)، يېزا – بازار (مەيدانى)نىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش بويىچە ئايرىش خىزمىتىنى تاماملاپ، سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە تاماملاپ، سۇ بايلىقىنى باھالاش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم 2015 – يىلى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، باھالاش سىستېمىسىنى قۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەڭ چىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدىكى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر قاتناشقان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنى تېزدىن تەسىس قىلىپ، ئەڭ چىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق›› تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش جازالاشنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. باھالاش نەتىجىسى يەرلىكنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈشى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى كادىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالايدىغان مۇھىم ئاساس قىلىنىشى كېرەك. رەھبىرى كادىرلارنى ۋەزىپىدىن ئايرىپ سۇ بايلىقىنى تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. بەشىنچى، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يىرىك پىلان ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۇ بايلىقىنى دەلىللەش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سۇ بايلىقىنى كەسىپ تەرەققىياتى، شەھەر، بازار قۇرۇلۇشىدىكى قاتتىق چەكلىمە قىلىش، سۇ بايلىقىنى دەلىللەشتە ‹‹بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، سۇ بايلىقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمىنى تېزدىن تەڭشەش كېرەك. قايتا ھۆددىگە ئېلىنغان يەر، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، يەم – خەشەك يېرىدىن سىرت بولغان تېرىلغۇ يەرگە سۇ ئىشلىتىش، سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپىدىكى سۇ ئىشلىتىشكە قارىتا سۇ بايلىقى ھەققى قوشۇپ ئېلىنىدۇ، ئۆلچىمىنى ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت) لىك خەلق ھۆكۈمىتى(مەمۇرىي مەھكىمە) سۇ بايلىقىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە ئاساسەن بېكىتىش، تۇرپان، قۇمۇل، ئۈرۈمچى، سانجى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستى قاتارلىق جايلار 2015 – يىلى بايلىق سۇ باھاسىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
(4) سۇ ھوقۇقى ئىسلاھاتى قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
سۇ ھوقۇقى ئىسلاھاتى سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىشنى سانائەت، شەھەر ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىشتىكى ئۈنۈملۈك يول، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل سۇ تېجەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمى، جەمئىيەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش شارائىتىدا، سۇ ئىشلىتىش زاپاس مىقدارىنى جانلاندۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جايلارنىڭ يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تۈرلىرىدىكى سۇ ئىشلىتىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى. ئەڭ چىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدە بېكىتىلگەن سۇ بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى نىشانىنى ئاساس قىلىپ، ھەۋز، رايون ۋە سۇ ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك سۇ ھوقۇقى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى سۇ ھوقۇقىنى باشقۇرۇش چارىسىنى چىقىرىپ، تەۋەلىكى ئېنىق بولغان، ھوقۇق مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك بولغان سۇ بايلىقى مۈلكى ئىگىدارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. تۇرپان ۋىلايىتى كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن سۇ ئىشلىتىش مىقدارىغا قارىتا، بازاردا سۇ ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشنى قوللىنىپ، ناھايىتى ياخشى سۇ تېجەش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى. 2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز قۇمۇل، سانجى قاتارلىق جايلاردا سۇ باھاسى، سۇ ھوقۇقى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسىدە سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى، جىمىسار ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملاپ سۇ ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقىتىشنى ئالدىن تاماملىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدىم قويدى. 2015 – يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىش يەنە كېڭەيتىلىدۇ، 2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.
(5) سۇ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇكەممەل مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك
سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ‹‹بىر قېتىمدا باھا بېكىتىش، قەدەملەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› پىرىنسىپى ۋە ئىلگىرىلەش تەلىپى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2010 – يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش تەننەرخىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ تەمىنلەش باھا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرىدا تەننەرخ سۇ باھاسىنى %70كە يەتكۈزۈش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرىدا تەننەرخ سۇ باھاسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات نىشانىغا تىرىشىپ يېتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى سۇ باھاسىنى 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرىدا سۇ تەمىنلەش تەننەرخىگە يېقىنلاشتۇرۇش ياكى يەتكۈزۈش كېرەك. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكنى سۇ بىلەن تەمىنلىشىدە ‹‹ئىستېرېئولۇق›› سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. يەنى: بىرىنچى: يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشتە تېرمىنال سۇ باھاسى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى؛ ئىككىنچى، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى پەرقلىق تۈرلەر بويىچە بېكىتىلدى، يەنى دېھقانلار 2 – قېتىم ھۆددىگە ئالغان يەرلەر، چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى يەم – خەشەك يېرى قاتارلىقلار ‹‹قىسقارتىلىپ <ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقلار> دېيىلدى››غا سۇ ئىشلىتىشتە، بەلگىلەنگەن نورما ئىچىدە ئاساسىي سۇ باھاسىدىن بەھرىمەن قىلىندى؛ ‹‹ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقلار››دىن باشقا يېزا ئىگىلىكى، غەيرىي يېزا ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىشتە، ئۇنىۋېرسال سۇ باھاسى يولغا قويۇلدى، يەنى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۇ باھاسى يولغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، بايلىق مەنبەسى ئېچىش سۇ باھاسى يولغا قويۇلۇپ، سۇ بايلىقى ھەق ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى. ئۈچىنچى، نورمىدىن ئاشقان قىسىمدىن جۇغلاپ باھا قوشۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.
(6)سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكى ۋە دەريا ھەۋزىسى ئەڭ كىچىك ئاساسىي ئېقىننى ئالدىن سىگنال بېرىپ تىزگىنلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى سۇ بايلىقىنى ئېچىش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، سۇ بايلىقىنى تۈزەش، تەقسىملەش، تېجەش، قوغداش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سۇچىلىق يىرىك پىلانى، لايىھەسى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 2015 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، ۋەكىللىكلىكى ۋە تىپىكلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك ناھىيە (شەھەر)نى تاللاپ، سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئالدىن قانات يايدۇرۇپ، دەريا ھەۋزىسى، ئوبلاست، شەھەر (رايون) سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلايدۇ. 2015 – يىلىدىن باشلاپ، باغراش كۆلى، ئېبنۇر كۆلى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىم كۆل ۋە دەريا ھەۋزىلىرىدە ئەڭ تۆۋەن سۇ يۈزى ئورنىنى بەلگىلەش، ئېكولوگىيە ئاساسىي ئېقىنىنى تىزگىنلەش سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالدىن سىگنال بېرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. 2015 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز دەريا ۋە كۆللەرنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، باشقۇرۇش – قوغداش مەسئۇلىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
(7) سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
سۇ بىخەتەرلىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئامانلىق بىخەتەرلىكىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. قانۇن بولمىسا دۆلەت قۇرغىلى، ئاۋامنى تۈزىگىلى بولمايدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ شارائىتى مۇرەككەپ، ئورنى ئالاھىدە. ئەھۋال قانچە مۇرەككەپ، ئالاھىدە بولغانسېرى، قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش شۇنچە زۆرۈر بولىدۇ. سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، سىياسەت، تۈزۈملەرنى تۈزۈش، سىياسەتنى تەرتىپلىك يۈرگۈزۈش، ياخشى چارە – تەدبىرلەر بىلەن ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قانۇن – تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، سۇچىلىق نۇقتىلىق ساھەلىرىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، سۇ قانۇن نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، سۇنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈك كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. سۇ ئىشلىرى بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسى قوشۇنىنىڭ ئىشتات، قانۇن ئىجراسى خىزمىتى خىراجىتى ۋە قانۇن ئىجراسى ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، قانۇن ئىجراسى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئاممىۋى تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئېڭى ۋە سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش قارىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
كەسىپداشلار، سۇ بىخەتەرلىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئورتاق تىرىشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەر بىرلىكتە سۇنى قەدىرلەپ، سۇنى تېجەپ، سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەقىل كۆرسىتىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ چىڭ تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىقلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى!



خەتكۈچلەر:
23-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek