فىرانسىيە <فىگارو گېزىتى> نىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، كولون ساقچى ئىدارىسى كولوندا ئۆتكۈزۈلگەن شادلىق بايرىمىنىڭ 1-كۈنىدىكى پائالىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر بېلگىيەلىك مۇخبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئايالنىڭ جىنسىي تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ساقچىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم جىنسىي تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان بېلگىيەلىك ئايال مۇخبىر-ئېسمېرالدا لابيې (Esmeralda Labye) بېلگىيە فىرانسۇز تىلى رايونى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە، ھاراق ئېچىپ غەرق مەست بولۇپ كەتكەن ئۈچ يىگىت بۇ ئايال مۇخبىرغا بەتقىلىقلىق قىلغان. بۇ ئۈچ يىگىتنىڭ ھەممىسلا يۈز قىسمىنى توسۇۋالمىغان بولۇپ، بېلگىيە فىرانسۇز تىلى رايونى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، لابيې ئىسىملىك بۇ ئايال مۇخبىر ئاللىقاچان كولون ساقچى ئىدارىسىغا ئەرز سۇنغان.
كولوندىكى <ئاياللار شادلىق بايرىمى> غا نەزەر
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved