گوۋۇيۈەن 2015-يىلى «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توققۇز ئىش قىلدى

زۇڭلى لى كېچياڭ 2015-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ساغلاملىق ئاممىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، دېدى. ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.  1. دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىپ، دورا باھاسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلەتتى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2-ئايدا «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

  2. يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 3-ئايدا «يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى.

  3. داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 4-ئايدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا «داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئادە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  4 . ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا داۋالىنىشى ئۈچۈن تىرىشتى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-ئايدا «ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقاتتى

  5. شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، «دورا بىلەن دوختۇرلارنى بېقىش، توپلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش» قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەل قىلدى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-ئايدا «شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى.

  6. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر خىل كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 6-ئايدا «ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆلەملەشكەن، يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلارنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى.

  7. ئائىلىۋى ئاپەت خاراكتېرلىك داۋالاش چىقىمى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 8-ئايدا «شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

  8. دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملىدى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 9-ئايدا «دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىئاگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي، تەرتىپلىك داۋالاش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى ۋە ياخشىلىدى.

  9 . داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 11-ئايدا سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا «داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ھەر خىل ساغلاملىق، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەلىپىنى قاندۇردى.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek